▲ ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھىندىستاننىڭ 3 تۈرلۈك ئۇل مۇئەسەسسە قۇرۇلۇشىنى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە ھىندىستان بىلەن ئاخىرقى قېتىم كېڭىشىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى ياپونىيە بىلەن ھىندىستان باشلىقلىرى سۆھبىتىدە رەسمىي كېلىشىم ئىمزالىماقچى بولغان. بۇ تۈر-- قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش سىستېمىسى، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ۋە يېقىلغۇ گاز بىلەن توك تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
▲ ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
▲ ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2012 - يىللىق خامچوت لايىھەسىدە، مېتېئورولوگىيە ۋازارىتىنىڭ يەر تەۋرەش، يانار تاغنى كۈزىتىش ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار خامچوت لايىھەسى 208 مىليون ياپونىيە يېنى يەنى 16 مىليون 900 مىڭ يۈەن بولغان.
▲ چەتئەل رادىئو ئىستانسىسنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرى، «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بۈگۈن (12.25) قونماقچى بولغاندا چاقى نورمال ئىشلىمىگەنلىكتىن كاراچى ئايرودرومىغا ئايروپىلان گەۋدىسى بىلەن قونۇشقا مەجبۇر بولدى» دېگەن.
▲ سۇدان ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇدان قوراللىق قىسىملىرى بۈگۈن (12.25) «غەربىي دارفۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلات <ئادىل ۋە باراۋەرلىك ھەرىكىتى> نىڭ رەھبىرى قارى ئىبراھىمنى ئېتىپ ئۆتۈردۇق» دېگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قوراللىق قىسىم قارى ئىبراھىمنى شىمالىي كوردوۋا ئۆلكىسىنىڭ ۋادباندا رايونىدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
▲ رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن (12.25) كى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە جىددى ھالەت مىنىتىسرلىقى يىراق شەرق رايونى مەركىزىنىڭ ۋەكىلى، «شۇ كۈنى سەھەردە قۇتقۇزۇش سىگىنالى بەرگەن «ئالفا - 3» ناملىق ساياھەت پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. قۇتقۇزۇش خادىملىرى لاپىرۇزا دېڭىز بوغۇزى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 3 جەسەتنى بايقىغان» دېگەن.
▲ چەتئەل رادىئو ئىستانسىسنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نىگېرىيە پايتەختى ئابىدجانغا يېقىن جايدىكى بىر چېركاۋدا بۈگۈن (12.25) يەنى روژدېستۋو بايرىمى كۈنى سەھەردە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە،پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
▲ ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن (12.25) بايانات ئېلان قىلىپ: «ئافغانىستان قوشۇنلىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا ياردەم بېرىش قىسىملىرى ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى قورللىق ئۇنسۇردىن 30 نى ئېتىپ ئۆلتۈردى ھەمدە 7 كىشىنى قولغا ئالدى» دېگەن.
|