ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىلىم بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى http://www.kulgin.com تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى. بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.
بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.

خەت نومۇرى:چوڭ | ئوتتۇرھال | كىچىك

سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى



چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە ئاخبارات ئورگىنى بىناسى مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىككى قېتىملىق ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. پارتلاشتا 44 ئادەم قازا قىلىپ، 166 ئادەم يارىلانغان. سۈرىيە ھۆكۈمىتى «بازا» تەشكىلاتىنى بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول دەپ ئەيىبلىگەن. سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بولسا، «سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىۋاستە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېگەن. سۈرىيەدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دەرىجىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۆزىتىش ئۆمىكى پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرگەن ھەم پارتلاش ۋەقەسىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى بۇ 2 قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، ئۇ: «بىز بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتتۇق، تېررورچىلارنىڭ نىشانى بىزنىڭ ئارمىيەمىز ۋە خەلقىمىز» دېگەن. پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۈرىيە ھۆكۈمىتى دەرھال بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە تۇتۇش قىلغان. سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تەرەپ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «پۇقرالار ۋە خەۋپسىزلىك قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 44 ئادەم قازا قىلدى، بۇنىڭدىن سىرت، يەنە 166 ئادەم بۇ 2 قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلاندى» دېگەن. باياناتتا دېيىلىشىچە، پارتلاش يەنە ئېغىر ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. باياناتتا «بازا تەشكىلاتى بۇ 2 قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول» دەپ ئەيىبلەنگەن.

  سۈرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيداندا 2 ئاپتوموبىل ۋە نۇرغۇن پارچىلار بار ئىكەن. ئۇ يەنە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بىر قانچە ئەسكەر بولغاندىن سىرت، كۆپ قىسىمىنىڭ ئاددىي پۇقرالار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى تەشكىلات «سۈرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى» بولسا مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ 2 قېتىملىق پارتلىتىش ۋەقەسىگە «بىۋاستە مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دېگەن. ئۇلارنىڭ باياناتىدا: «سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ 2 قېتىملىق تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان بارلىق بىۋاستە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تېررورچىلار ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا يېقىنلاشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان» دېيىلگەن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بان كىموننىڭ باياناتىدا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «سۈرىيە دائىرىلىرى دەرھال ئىشەنچىلىك، ھەر قايسى تەرەپلەرنى سىغدۇرالايدىغان، قانۇنلۇق، شۇنداقلا سۈرىيەلىكلەر يېتەكچىلىكىدىكى ئومۇميۈزلۈك سىياسىي ئىسلاھات پىروگراممىسىنى يولغا قويۇشى، شۇ ئارقىلىق سۈرىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىيەگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇشى كېرەك». باياناتتا يەنە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى مەزكۇر دۆلەتتىكى سىياسىي كىرزىسنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق پىلانىنى تېزلىكتە، تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى مۇراجىئەت قىلىنغان. بۇ جەھەتتە، بان كىمون ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنىڭ سۈرىيەگە يېتىپ بارغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ سۈرىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا تەقەززا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەم دائىرىلەردىن كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىگە توسالغۇسىز ھەرىكەت يولى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپ ياردەمچىسى سەمىر ئەزھەر باشچىلىقىدىكى ئالدىن ئەۋەتىلگەن كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكى مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى، پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئەزھەر ئاخبارات ۋاستىلىرىغا: «بىز سۈرىيەگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن كەلدۇق، بۈگۈن بىز كۆرگەن بۇ كۆرۈنۈش كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش ۋەزىيەتنى تېزدىن تىنچىتىش» دېگەن. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكى مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى دەمەشققە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ سۈرىيە تەرەپنىڭ «ئەرەب تەشەببۇسى»نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلىغانىدى.


يوللىغۇچى: كۈلگىن تورى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

مەنبە: -

(ماقالە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ. ئۇلارمۇ خەۋەردار بولسۇن)

ئالدىنقى خەۋەر: بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
كىيىنكى خەۋەر: جاھان ئەينىكى
  • سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ئىراننىڭ ھەربىي مانۋېر رايونىدا پەيدا بولدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە «سېرىق، يېشىل رەڭدىكى مۇھىت ئاسراش بەلگىلىرى» نى تارقىتىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
  • بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئون خىل ھاۋارايى ھادىسىسى
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
  • فىلىپپىندىكى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
  • بېيجىڭ شەھىرى 115 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سىمسىز يەتكۈزۈش ۋە قاپلاش قۇرۇلۇشى پۈتتى
  • تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش
  • رۇسىيە ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى
  • گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر تۈرمىسىدە قاماقتىكى ئادەم ئۆلۈپ قالدى
  • يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى
  • غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى سۇپىسى قاراماي شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى.
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • بېيتۈن شەھىرىگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى
  • دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي ئورمانلىقلارنى 2- باسقۇچلۇق قوغداش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى
  • {:Mazmun200:}

    جەمئى6 بەت | نۆۋەتتىكىسى 1– بەت| بىرىنجى بەت| ئالدىنقى بەت| كىيىنكى بەت| ئاخىرقى بەت

    باھالار

    باھا يوللانمىغان!!!

    باھا سۆزى يېزىش

    كۈلگىن ئۇنۋېرسال تورى  皖ICP备11022839号-1    پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: boranqush@126.com
    يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
    تور بېتىمىزنى ئۇلانمغا قىلىڭ. بېكەت تۇغى: