@ شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەندە، كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا غەلىتە بىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. «مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقان بىر ئايال ئۇدۇلدىن ئۇچۇپ كەلگەن يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ چاقىغا ئۇرۇلۇپ، نەق مەيداندا قازا قىلغان.
قاتناش ھادىسىسى «ئايال پادىشاھ ئېلزابېت يولى»دا يۈز بەرگەن. شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 6دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، 53 ياشلىق چىمېلېۋىسكىي خوندا ماركىلىق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئىشقا كېتىۋاتقاندا، قارشى يۆنىلىشتىن كېلىۋاتقان بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ چاقى تۇيۇقسىز ئاجراپ كېتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىش بەلبېغىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، خوندا ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئەينىكىگە ئۇرۇلغان، ئاپتوموبىلدىكى چىمېلېۋىسكىي نەق مەيداندا قازا قىلغان.
يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى ئاپتوموبىل چاقىنىڭ ئاجراپ كېتىپ، باشقىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كېتىۋەرگەن. ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ ساقچىلىرى بۇ يۈك ئاپتوموبىلىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، شوپۇرنىڭ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
@ تەيۋەن «مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى»نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق بونىس بېس ئىسىملىك بىر موماي بۇ يىل 91 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بەدىنى كۆپ قىسىم ياشلارنىڭكىدىن ئەۋرىشىم ئىكەن. يېقىندا، بېس «جېننېس دۇنيا رېكورتى»نىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، دۇنيا بويىچە يېشى ئەڭ چوڭ يوگا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالغان.
ئۇ 50 ئىلگىرى يوگا ھەرىكىتى ئۆگىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىر ئەۋرە كۆرگەن بېس يەنىلا يوگا دەرسى بېرىدىكەن. ئۇھەر ھەپتىدە بىر قېتىم دەرس ئۆتىدىكەن، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن خېلىلا ياش ئىكەن.
بېس سىلىق يوگا ھەرىكىتىگە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، زىيادە تەر ئاققۇزۇش ۋە پەي سوزۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارادىكەن. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، يوگا ۋە تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق سىلىق ھەرىكەتلەر ياشانغانلارغا پايدىلىق بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنى مەشق قىلغاندا، بەدەننى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىقتىدارى ئېشىپ، يىقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
@ ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 2004-يىلى ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنىدا بىر قىز ئېقىپ كەتكەن، بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنى تالاپەتكە ئۇچرىدى دەپ قارىغان. لېكىن ئارىدىن 7 يىل ئۆتۈپ، بۇ قىز تۇيۇقسىز يۇرتىدا پەيدا بولغان.
2004-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندى ئوكياندا تۇيۇقسىز تاشقىن يۈز بەرگەن، ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلى ئاسېخ ئۆلكىسىدىكى ۋاتى ئىسىملىك 15 ياشلىق بىر قىز كۈچلۈك دولقۇندا ئاپىسىنىڭ قولىدىن ئاجراپ ئېقىپ كەتكەن، ئاپىسى شۇ چاغدا يەنە ئىككى قىزىنى تۇتۇۋالغان بولغاچقا، ۋاتىنىڭ قۇتقۇزۇشقا ئىلاجىسىز قالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋاتىدىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان، بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۇنىڭ قازا قىلدى دەپ ئويلىغان.
مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى، بۇ ئائىلىنىڭ بىر دوستى تۇيۇقسىز ياغلىق چىگىۋالغان بىر قىزنى ۋاتىنىڭ بوۋىسى ئىبراھىمنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كەلگەن. ئۇ ئادەمنىڭ دېيىشىچە، بۇ قىز بىر قەھۋەخانىدا گەپ-سۆز قىلماي ئولتۇرغانىكەن. ئۇنىڭدىن سوئال سورىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ باندا-ئاسېخ شەھىرىدىن كەلگەنلىكى، ئۆيىگە قايتماقچى ئىكەنلىكى، لېكىن ئۆيىگە قايتىدىغان يولنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ قىز يەنە «ئىبراھىم» دېگەن ئىسىمدىن باشقا ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەن. ئىبراھىم بۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ 7 يىل بۇرۇن يوقاپ كەتكەن نەۋرىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇ دەرھال ۋاتىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خەۋەر قىلغان. ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ جەينىكىدىكى تاتۇققا ئاساسەن، ئۇنىڭ دەل يوقاپ كەتكىنىگە ئۇزاق يىل بولغان قىزى ۋاتى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. لېكىن بۇ 7 يىلدىن بۇيان، ۋاتىدىن بېشىدىن زادى قانداق ئىشلار ئۆتكەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
|