ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىلىم بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى http://www.kulgin.com تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى. بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.
بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.

خەت نومۇرى:چوڭ | ئوتتۇرھال | كىچىك

رۇسىيە ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى



مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى، رۇسىيەدىكى ئۆكتىچىلەر پايتەخت موسكىۋادا يەنە بىر قېتىم «سەمىمىي سايلام ئۈچۈن» ناملىق يىغىلىش ئۆتكۈزدى. بۇ جەرياندا رۇسىيە جامائەتچىلىكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېف 2 كۈن ئىلگىرى دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەندە، ئومۇميۈزلۈك سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە بەرگەن، مۇتەخەسسىسلەرمۇ سوغۇق ھاۋا ۋە يېڭى يىلنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى ئاممىنىڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىملىق يىغىلىشقا قاتناشقان ئادەم سانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.

  رۇسىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۇما سايلىمى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى رۇسىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسى كۆرسەتكەن نامزات نارىشكىن يىغىندا دۇما رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر رۇسىيەنىڭ يېڭى دۇماسى ئۆز قەرەلىدە تەشكىللەنسە، بۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ گۇمانى تۈپەيلىدىن، سايلامنىڭ قانۇنىيلىقى مەسىلىسىدە يول قويمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ھالبۇكى، ئۆكتىچىلەرمۇ تىركىشىشنى داۋاملاشتۇردى، ئۇلار مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى يىغىلىشتا قارار ماقۇللاپ، دۇما سايلمىنىڭ نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ، قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

  2 ھەپتە ئىلگىرىكى نامايىشقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىملىق نامايىش قاتناشقان ئادەم سانى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ تەشكىلچانلىققا ئىگە، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتنىشىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى جەمئىي 29 مىڭ ئادەم يىغىلىشقا قاتنىشىپ، ئۆتكەن قېتىملىق يىغىلىشتىن 25 مىڭ ئادەم كۆپ بولغان. يىغىلىش مەيدانىدا سەھنە قۇرۇلۇپ، چوڭ ئېكران ۋە ياڭراتقۇلار سەپلەنگەن، نۇتۇقلار ئارىسىدا داڭلىق ناخشىچىلار چىقىپ ئويۇن قويۇپ تۇرغان. بۇ يىل 9-ئايدا ئىستېپا بەرگەن رۇسىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى كۇدرىن تۇنجى قېتىم نامايىشقا قاتناشقان ھەم ئاممىنى دۇما سايلىمىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلغان. ئۆتكەن قېتىملىق نامايىشقا ئوخشاشلا، شۇ كۈنكى نامايىش دائىرىلەرنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن. رۇسىيەدىكى ئۆكتىچى سىياسىيون نېمزوفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆكتىچىلەر كېلەر يىلى 2-ئايدا يەنە بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

  رۇسىيەنىڭ دۇما سايلىمىدىن كېيىنكى ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى بارغانسېرى ئەۋج ئالارمۇ ياكى تەدرىجىي تىنچىپ قالارمۇ؟ بۇ مەسىلىدە رۇسىيەدىكى ھەر قايسى ساھە زاتلىرىنىڭ قارىشى بىردەك بولمىدى. يابلوكو پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى يافلىنسكىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى دۆلەتكە چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن رەھبىرى يوق بولۇپ، سىياسىي تەلەپلىرى خىمۇخىل بولغانلىقتىن، دائىرىلەر نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن ئانچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدىكەن. لېكىن ئەگەر دائىرىلەر ئاممىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىغا سەل قارىسا، بۇ خىل ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيتى تەرەققىي قىلىپ، بىر مەيدان سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

  رۇسىيەلىك سىياسىي ئوبزورچى لېمىزوف مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گەرچە ئۆكتىچىلەر دۇما سايلىمىنى قايتا ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تىغ ئۇچى كېلەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىنغا قارىتىلغان. چۈنكى دۇما سايلىمى بەرىبىر ئۆتكۈزلۈپ بولدى، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ تىركىشىشى ئاساسلىقى كېلەر يىلى 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا مەركەزلىشىدۇ. پۇتىنغا نىسبەتەن، ئۆكتىچىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سىياسىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سەمىمىي سايلامدا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش. پۇتىننىڭ باياناتچىسى پېسكوف تۈنۆگۈن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، لېكىن كۆپ قىسىم رۇسىيەلىكنىڭ يەنىلا پۇتىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دۇما سايلىمىدىن كېيىنكى ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى يۈز بەرگەندىن بۇيان، رۇسىيە جەمئىيىتىدە روشەن ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. رۇسىيەنىڭ رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم، ئاممىنىڭ تەلىپىنى قانۇن يول قويغان دائىرىدە ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى بىۋاستە كۆرسىتىلگەن ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىش پىروگراممىسىدا، پۇتىن ئاممىنىڭ تۈرلۈك ئۆتكۈر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپلا قالماي، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سايلامنىڭ ئاشكارا بولۇش مەسىلىسىدە كەسكىنلىك بىلەن قارار چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 90 مىڭدىن ئارتۇق بېلەت تاشلاش پونكىتىغا تور تېلېكامېراسى سەپلەپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ پۈتكۈل بېلەت تاشلاش جەريانىنى نازارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى، مېدۋېدېف دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. تەكلىپنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى: ھەر قايسى رايونلارنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىرىنى بىۋاستە سايلاش، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنى تىزىمغا ئېلىشتىكى بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. مېدۋېدېف ئىككىنچى كۈنىلا دۇماغا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ۋە زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشكە ئالاقىدار 2 تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى سۇندى. لايىھەلەردە، سىياسىي پارتىيە تەشكىللەشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئادەم سانىنى 40 مىڭدىن 500گە چۈشۈرۈش؛ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ھەر قايسى رايونلارغا جايلاشقا ئەڭ تۆۋەن ئادەم سانى توغرىسىدىكى چەكلىمىنى ۋە ئاز دېگەندە فېدراتسىيە ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ يېرىمىدە تارمىقى بولۇش توغرىسىدىكى تەلەپنى بىكار قىلىش؛ بۇنىڭدىن سىرت، سىياسىي پارتىيەلەر كۆرسەتكەن زۇڭتۇڭ نامزاتى ۋە مۇستەقىل نامزاتلار ئېرىشىش زۆرۈر بولغان ئىمزا سانىنى ھازىرقى 2 مىليون ۋە 150 مىڭدىن ئايرىم ھالدا 300 مىڭ ۋە 100 مىڭغا چۈشۈرۈش؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىياسىي پارتىيەلەر يېتەرلىك ئىمزاغا ئېرىشەلمىسە دۇما سايلىمىغا قاتنىشالمايدىغان بەلگىلىمىنى بىكار قىلىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىسلاھات ئىرادىسى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقى ھەقىقەتەن نۇرغۇن سىياسىي ئانالىزچىنى ھەيران قالدۇردى. قىسمەن مۇتەخەسسىسلەر، بۇ مېدۋېدېفنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ كەسكىن تەكلىپى بولدى، دائىرىلەر ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى تولۇق، ھەتتا ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدى، دەپ قارىدى. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا: «بۇ، كىرىمېل سارىيىنىڭ نەزىرىدە، رۇسىيەنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا قارىغاندا خېلى زور ئۆزگىرىش بولغانلىقى، رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، سىياسىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تولۇق ئىشەنچىسى بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى» دېدى.


يوللىغۇچى: كۈلگىن تورى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

مەنبە: news.qq.com

(ماقالە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ. ئۇلارمۇ خەۋەردار بولسۇن)

ئالدىنقى خەۋەر: ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
كىيىنكى خەۋەر: فىلىپپىندىكى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
  • ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ئىراننىڭ ھەربىي مانۋېر رايونىدا پەيدا بولدى
  • جاھان ئەينىكى
  • بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • كورىيە ئاخبارات ئورگانلىرى بىخەستىلىكى تۈپەيلىدىن ئەيىبلەندى
  • تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش
  • گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر تۈرمىسىدە قاماقتىكى ئادەم ئۆلۈپ قالدى
  • يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى
  • غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى سۇپىسى قاراماي شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى.
  • بىر گۇرۇپپا ئىقتىسادىي ئۇچۇر
  • بېيجىڭ شەھىرى 115 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سىمسىز يەتكۈزۈش ۋە قاپلاش قۇرۇلۇشى پۈتتى
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • بېيتۈن شەھىرىگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى
  • بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • مۇبارەك بۈگۈن يەنە بىر قېتىم سوتلىنىدىكەن
  • جاھان ئەينىكى
  • قاتناش ۋەقەسى چىقىرىپ ئايالىغا ئارتىپ قويغان جىنەنلىك شوپۇر
  • سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي ئورمانلىقلارنى 2- باسقۇچلۇق قوغداش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى
  • {:Mazmun200:}

    جەمئى6 بەت | نۆۋەتتىكىسى 1– بەت| بىرىنجى بەت| ئالدىنقى بەت| كىيىنكى بەت| ئاخىرقى بەت

    باھالار

    باھا يوللانمىغان!!!

    باھا سۆزى يېزىش

    كۈلگىن ئۇنۋېرسال تورى  皖ICP备11022839号-1    پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: boranqush@126.com
    يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
    تور بېتىمىزنى ئۇلانمغا قىلىڭ. بېكەت تۇغى: