سىنگاپوردىكى «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىن دائىرىلىرىنىڭ تۈنۆگۈن ئاشكارىلىشىچە، «بۈركۈت» ناملىق كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى تۈنۆگۈنگە قەدەر، فىلىپپىندا مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. دائىرىلەر يوقاپ كەتكۈچىلەرنىڭ كونكېرت سانىغا تېخى ئېرىشمىگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن سىرت، ئالاقىدار ئورگانلار يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، پاناھلىنىش مەركىزىدە ئادەم زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن، يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقىلىش خەۋپىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىلىپپىن دۆلەتلىك ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى راموسنىڭ دېيىشىچە، ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ئاپەتتە 1مىڭ 2 ئادەم ئۆلگەن. ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان كاگايان دې ئورو شەھىرىدە 650 جەسەت، ئىلىگان شەھىرىدە 283 جەسەت تېپىلغان، قالغان جەسەتلەر فىلىپپىننىڭ جەنۇب ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى باشقا ئۆلكە-شەھەرلەردىن تېپىلغان. نۆۋەتتە سۈزۈۋېلىش خىزمەتلىرى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كەلكۈن سۈيى پەسەيگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ جەسەت بايقىلىشى مۇمكىن ئىكەن. راموس يەنە، ھازىرچە يوقاپ كەتكۈچىلەرنىڭ سانىنى جەزملەشتۈرەلمىگەنلىكى، يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارنىڭمۇ ئېنىق ساننى ئېيتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
«بۈركۈت» ناملىق تەيفېڭ بورىنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى كېچىدە فىلىپپىننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغان، كۈچلۈك بوران بىلەن بىللە كەلگەن قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن شېرىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن نۇرغۇن كىشىنى ئېقىتىپ كەتكەن. راموس: «نۇرغۇن ئادەم دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ چېكىنىش بۇيرۇقىغا پىسەنت قىلمىدى، بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۇرغۇن ئادەم كۈچلۈك بوران-چاپقۇن يېتىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتقا پەرۋا قىلمىغانىكەن. راموسنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچى بىلەن تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، بوران-چاپقۇن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى دېڭىزغا غەرق قىلغانىكەن.
فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاكىنو مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى، دۆلەتنىڭ ئاپەت ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ «پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ خىل تىراگېدىيەنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىدىغانلىقى» ھەققىدە ۋەدە بەردى. ئۇ بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك باھالاش ئارقىلىق، نېمىشقا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، نېمىشقا ئاتالمىش قانۇنسىز ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر جايغا يۆتكەلمەي، دەريا ۋە دېڭىز بويلىرىدا تۇرغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە يەنە 45 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي-ماكانسىز قالغان ئامما ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ھەر كۈنى قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى تارقىتىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. لېكىن سۇ ۋە يېمەكلىكنىڭ زىيادە قىس بولۇشى ھازىرقى ئەڭ كەسكىن مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.
فىلىپپىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تاياگ، پاناھلىنىش مەركىزىنى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش زۆرۈرلۈكى، ئۇ جاينىڭ ۋابا مەنبەسى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ABS-CBN تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز دىققىتىمىزنى تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغىلا مەركەزلەشتۈرۈپ، پاناھلىنىش مەركىزىگە سەل قاراپ قالدۇق. ئەگەر يۇقۇملۇق كېسەللىك ياكى باشقا ساغلاملىققا تەھدىت سالىدىغان مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئۇ ھالدا بۇنىڭ مەنبەسى چوقۇم پاناھلىنىش مەركىزى بولىدۇ» دېدى. ئۇ، ئەڭ مۇھىمى مەركەزنى تارقاقلاشتۇرۇش كېرەكلىكى، ئۇ جايدا مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان قېرىلار ۋە بالىلارنىڭ قىستىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، لېكىن يېمەكلىك، سۇ ۋە سەھىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ تولىمۇ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى تېزدىن 4 مىليون 200مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە توپلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەم سۇ خالتىسى، سەھىيە بۇيۇملىرى، ۋاقىتلىق ھاجەتخانا ۋە كۆچمە سۇ تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرىنى ئەۋەتىشكە باشلىدى. قېچىپ كەتكەن بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى تۈنۆگۈن كەنتلىرىگە قايتىپ، ۋەيران بولغان ئۆيلىرىنى قايتا قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. ئۇلار لاي-لاتقىلارنى قىرىپ، ئۆي جاھازلىرىنى يۇيۇپ، ھۆل كىيىملىرىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتماقتا ئىدى. دائىرىلەر ۋە چوڭقۇر قايغۇغا مۇپتىلا بولغان ئائىلە تاۋابىئاتلار مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى قازا قىلغانلارنى دەپنە قىلىشقا باشلىدى. ئىلىگان شەھەرلىك قەبرىستانلىقتا، كىشىلەر يىغا-زارە ئىچىدە ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشتى، شۇ كۈنى ئاز دېگەن 38 نەپەر قازا قىلغۇچى دەپنە قىلىندى. شەھەر باشلىقى كىرۇس قەبرىستانلىقتىكى قىسمەن يوللارنى گۆرلۈك قىلىپ قېزىپ، ئۆلگۈچىلەرنى لايىقىدا دەپنە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئاھالىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلگۈچىلەرنى كوللېكتىپ دەپنە قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىگە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى.
|