@ بۇ يىللىق روژدېستىۋا بايرىمى مەزگىلىدە، ۋيېتنامدىكى بىر ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى 2 مىڭ 500دىن ئارتۇق كېركسىز يانفوندىن بىر «روژدېستىۋا دەرىخى» ياساپ چىققان. دۇكان دېرىكتورىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى مۇخبىرغا دېيىشىچە، دۇكاندىكى 10 نەپەر خىزمەتچى توپتوغرا 2 ھەپتە سەرپ قىلىپ، 4.6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ كونۇس شەكىللىك روژدېستىۋا دەرىخىنى ياساپ چىققانىكەن. روژدېستىۋا دەرىخى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا پۈتۈپ، دۇكاننىڭ ئالدىغا قويۇلغان، كېچىدە رەڭگارەڭ نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان بۇ دەرەخ 2 ھەپتىدىن بۇيان، ھەر كۈنى تەخمىنەن 7-8 يۈز ئادەمنى جەلپ قىلغان.
دېرىكتورنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بۇ دەرەخنىڭ كىشىلەرنىڭ زەھەرلىك ئېلىكتىرون ئەخلەتلىرىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ، ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ كېلەر يىلى بۇ دەرەخنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، ئېرىشكەن پۇلنى خەير-ساخاۋەت ئورگىنىغا ئىئانە قىلماقچىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، دۇكان خىزمەتچىلىرى تېخىمۇ كۆپ كېرەكسىز يانفونلارنى يىغىپ، كېلەر يىلى روژدېستىۋا بايرىمىدا تېخىمۇ يوغان روژدېستىۋا دەرىخى ياساشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
@ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تۈنۆگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدە ھاۋاينىڭ ھونۇلۇلۇ شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن روژدېستىۋا بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق دەم ئېلىشقا باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان بولۇپ، پارلامېنت خامچوتنى زور دەرىجىدە كېمەيتىپ، چىقىمنى ئازايتىشقا كۈچەۋاتقان پەيتتە، ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئىشنى «كونتىروللۇقىنى يوقاتقان ئىستېمال» دەپ ئەيىبلىگەن.
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روژدېستىۋا بايرىمىدىن ئىلگىرى، ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىدە، مائاش بېجى مەسىلىسىگە باش قاتۇرۇۋاتقان ئوباما ئەسلىدە مارىلاند ئىشتاتىدىكى داۋىد لاگېرىدا روژدېستىۋا بايرىمىنى ئاددىي ئۆتكۈزمەكچى بولغان، لېكىن 1-خانىم مىشېل قىزلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن، ھاۋايغا بېرىشتا چىڭ تۇرغان. ئوباما ئامالسىز ماقۇل بولۇپ، خوتۇن-بالىلىرىنى ئاۋۋال يولغا سېلىۋېتىپ، ئۆزى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدە ھاۋايغا يېتىپ بارغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئوباما ئائىلىسى دەم ئېلىشنى ھاۋاينىڭ ۋاخۇ ئارىلىدىكى خۇسۇسىي دېڭىز ساھىلىدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يەرنىڭ كۈندىلىك ئىجارە ھەققى 3 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى، ئايلىق ئىجارە ھەققى 75 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. ئوباما ئائىلىسى يېڭى يىلدا قايتىپ كېلىدىكەن.
@ ئامېرىكا رادىيو شىركىتى تۈنۆگۈن، پېشقەدەم ئايال مۇخبىر باربارا ۋولتىسنىڭ روژدېستىۋا بايرىمى ھارپىسىدا ئوباماغا ئېلىپ بارغان مەخسۇس زىيارىتىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا رادىيو شىركىتى بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق، توي قىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان ئوباما ئەر-خوتۇننىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى كىشىلەرگە نامايان قىلماقچى بولغان.
ئوباما زىيارەت جەريانىدا، ئۆزى تۈزىتىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان كەمچىلىكىنىڭ ھورۇنلۇق ئىكەنلىكى، باشقىلارنىڭ رەھىمسىز بولۇشىدىن ئەڭ سەسكىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
1-خانىم مىشېل ئوبامانى «ئەقىللىق، تەنھەرىكەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەم مېھرىبان ئاتا» دەپ سۈپەتلىگەن. ئوباما بولسا مىشېلغا «چىرايلىق، ئەقىللىق ھەم يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي ئايال» دەپ باھا بەرگەن.
|