كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، چاۋشيەن تەرەپ مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئىلنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، كورىيەدىكى ئاخبارات، دۆلەت مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپمىغانلىقى، «تېلىۋىزوردىن خەۋەرنى كۆرۈپ، ئاندىن ھاڭ-تاڭ قالغانلىقى»نى ئېتىراپ قىلغان. ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىچكى كابىنېت ئاخبارات ئورگىنى چاۋشيەننىڭ شۇ كۈنى «ئالاھىدە خەۋەر» ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، باش ۋەزىر يوشىخىكو نوداغا چاۋشيەننىڭ كىم جوڭئىلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن يوشىخىكو يەنىلا ئەسلى پىلان بويىچە سەپەرگە ئاتلىنىپ، كېيىن يېرىم يولدا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. كورىيە جامائەتچىلىكى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئۆز دۆلىتىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ «سەۋەنلىكى»نى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
كورىيە دۆلەتلىك ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈەن شىشۈن مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى پارلامېنت ئاخبارات كومىتېتىنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلغاندا، چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتە «ئالاھىدە خەۋەر» بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن كىم جوڭئىلنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئۇققانلىقى، «باشقا دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەنلىكى»نى ئېيتقان. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىن كۇەنجېنمۇ پارلامېنت دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىغا: «مەنمۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇقتۇم. ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىمىزنىڭ ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، بۇ ئىشتىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپماپتۇق. شۇڭا ئاخبارات توپلاش ئىقتىدارىمىزنى تېزدىن كۈچەيتىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. لېكىن بىلىشىمچە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ ئىشتىن ئالدىن خەۋەر تاپماپتىكەن» دېگەن.
بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى مۇنداق سوئاللارنى قويغان: چاۋشيەن شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىلا، چۈشتە «ئالاھىدە خەۋەر» بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئۇلار تېلىۋىزوردىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ئاندىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقۇپتۇ. مەلۇم چوڭ كارخانا بۇ ئىشنى ئالدىن سېزىپ، راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تۇتۇش قىلغان يەردە، دۆلەتلىك ئاخبارات مەھكىمىسى ھېچنىمىنى بىلمىسە قانداق بولىدۇ؟ غايەت زور دۆلەت مالىيە خامچوتىمىز زادى قانداق ئىشلارغا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ؟ چوڭ دۆلەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خوڭ خۇەيشاۋنىڭ دېيىشىچە، بەزىلەر كورىيە دۆلەتلىك ئاخبارات مەھكىمىسىنى «يېزىلىق ئاخبارات ئورگىنى» دەپ مەسخىرە قىلغان ھەم «ئەگەر ئەڭ مۇھىم ھەربىي ئاخباراتنىمۇ ئىگىلىيەلمىسە، مەھكىمە باشلىقى بۇ ئىشقا تولۇق مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دېگەن. ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى بولسا ئېنىقلا قىلىپ يۈەن شىشۈندىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. يەنە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى جىن كۇەنجېننى تەنقىدلەپ: «ئەگەر خەۋەرنى كۆرۈپ ئاندىن ئۇقسا، ئۇنىڭ ئاددىي پۇقرادىن نېمە پەرقى؟» دېگەن.
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ئوبزورىدا:«كىم جوڭئىل ۋاپات بولغاندىن تارتىپ چاۋشيەن بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغىچە تەخمىنەن 52 سائەت ئۆتكەن، بۇ جەرياندا ئاخبارات ئورگانلىرىمىز بۇ ئىشتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان. ئۇلار نېمىشقا چاۋشيەننىڭ ئالاھىدە خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى كىم جوڭئىلنىڭ ئۆلۈمى بىلەن باغلىيالمايدۇ؟ كورىيە خەلقى بۇ ئىشقا ھەيران قالدى» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، چاۋشيەن مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شەرقىي قىسىم دېڭىز تەۋەلىكىگە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان. كورىيە ئارمىيەسى بۇ خەۋەرنى ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش بىلەن كىم جوڭئىلنىڭ ئۆلۈمىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى جىددىي يىغىنى ئېچىپ، كىم جوڭئىل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چاۋشيەن بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش تەدبىرلىرىنى كېڭەشكەن. كورىيە بىرلەشمە مەسلىھەتچىلىك ئىشتابى كورىيە ئارمىيەسىنىڭ جىددىي تەييارلىق ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
|