ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىلىم بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى http://www.kulgin.com تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى. بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.
بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.

خەت نومۇرى:چوڭ | ئوتتۇرھال | كىچىك

جاھان ئەينىكى



 

 @ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كۆزىتىش ئاپپاراتى «خەۋەر بەلگىسى ھەرىكىتى»نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى دېيىشىچە، 2011-يىلى پۈتۈن دۇنيادا 106 مۇخبىر خىزمەت ئۈستىدە قازا قىلغان.

  ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن، مېكسىكا بىلەن پاكىستان ئۇدا 2 يىل «ئەڭ خەتەرلىك دۆلەتلەر» بولۇپ قالغان. قازا قىلغان 106 مۇخبىر ئىچىدە 12سى مېكسىكىدا ئۆلگەن بولۇپ، زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن؛ 11  مۇخبىر پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرىسىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان؛ 7 مۇخبىر لىۋىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى توقۇنۇشتىن خەۋەر بېرىۋاتقاندا قازا قىلغان؛ قالغانلىرى ئىراق ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردە قازا قىلغان.

  مەزكۇر ئاپپاراتنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، قازا قىلغان مۇخبىرلارنىڭ 3تىن 2 قىسىمى قەستكە ئۇچرىغان؛ 3تىن بىر قىسىمى بولسا، خەۋەر بېرىش جەريانىدا كۈتۈلمىگە ھادىسىگە يولۇققان. ئۇلارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى: توقۇنۇش، ئادەمبومبا ھۇجۇمى ۋە كۆمۈر كان پارتلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

 @ كانادادىكى غەربىي ئونتارىئو ئۇنۋېرسىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى: «مەكتىپىمىز ياسىغان ئەيدىز ۋاكسىنىسى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى، كېلەر يىلى ئادەم تېنىدە سىناق قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرىمىز» دېگەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ خىل ۋاكسىنا كۈچلۈك ئىممۇنىتېت ئىنكاسى پەيدا قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشىنى چەكلەيدىكەن ھەم ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق ئىكەن.

 @ «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ياساشقا تۇتۇش قىلغان. 5 مىليارد رۇپىيە سەرپ قىلىنىدىغان بۇ تۈر كەلگۈسى 10 يىلدا ئارمىيەنىڭ ھەر خىل شوپۇرسىز ئاپتوموبىغا بولغان ئېھتىياجىنى قامدايدىكەن.

  لېكىن جۇڭگونىڭ بىر ھەربىي مۇتەخەسسىسى: «ھازىر قۇرۇقلۇقتىكى شوپۇرسىز ئاپتوموبىللار پەقەت ئالاھىدە رايوندا ئالاھىدە ۋەزىپىنىلا ئىجرا قىلالايدۇ، بۇنداق ئاپتوموبىلنىڭ جەڭ مەيدانىغا چىقىشىغا تېخى خېلى ئۇزاق ۋاقىت بار» دېگەن.

 @ ياپونىيە پەن-مەدەنىيەت ۋازارىتى ئېلان قىلغان «2011-يىللىق مەكتەپلەر ساقلىقنى ساقلاش ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى»گە قارىغاندا، 1997-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، ياپونىيەدىكى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن، 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بۇ سانلىق قىممەتتە ئېشىش ئالامىتى كۆرۈلمىگەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى ئەمدى يۇقىرىلىمايدۇ، دېگەن. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھەتتا، بۇنىڭدىن كېيىن ياپونلارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى تۆۋەنلىشى مۇمكىن، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  «مەكتەپلەر ساقلىقنى ساقلاش ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشى» ـــــ ياپونىيە پەن-مەدەنىيەت ۋازارىتى ھەر يىلى 5 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان بىر تۈرلۈك ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش بولۇپ، بۇ يىل مەزكۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 17 ياشلىق ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 170.7 سانتىمېتىر، 17 ياشلىق قىزلارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 158 سانتىمېتىر بولغان. بۇ، بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرىكى «17 ياشلىق ئوغۇللارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 170.9 سانتىمېتىر، 17 ياشلىق قىزلارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 158.1 سانتىمېتىر» بولۇشتىن ئىبارەت تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىققان.

 @چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەلىك بىر ئۆسمۈر ساقچىلاردىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 14 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ تاختىپەرىدىن يامىشىپ چۈشكەن، يەرلىكتىكى ئاھالىلەر چاقچاق قىلىپ، بۇ بالىنى «ئەنگىلىيەنىڭ ئۆمۈچۈك پالۋىنى» دەپ ئاتىغان.

  16 ياشلىق بۇ بالىنىڭ ئىسمى دونالد مىكلاۋىد ئىكەن. شۇ چاغدا ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كېپىلگە قويۇپ بېرىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان مىكلاۋىدقا يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ سوراق قوبۇل قىلىشنى ئېيتقان. مىكلاۋىد سوراقتىن قېچىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ 14-قەۋەتتىكى ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن چىقىپ، تاختىپەردىن يامىشىپ يەرگە بىخەتەر چۈشكەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. لېكىن ساقچىلار ئاخىرىدا مىكلاۋىدنى باشقا بىر بىنادىن تۇتۇۋالغان.

  نۆۋەتتە، مىكلاۋىد قايتا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە ئۇ كېلەر ئاينىڭ ئاخىرلىرى سوتلىنىدىكەن.


يوللىغۇچى: كۈلگىن تورى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

مەنبە: news.qq.com

(ماقالە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ. ئۇلارمۇ خەۋەردار بولسۇن)

ئالدىنقى خەۋەر: كورىيە ئاخبارات ئورگانلىرى بىخەستىلىكى تۈپەيلىدىن ئەيىبلەندى
كىيىنكى خەۋەر: ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ئىراننىڭ ھەربىي مانۋېر رايونىدا پەيدا بولدى
  • بېيجىڭ شەھىرى 115 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سىمسىز يەتكۈزۈش ۋە قاپلاش قۇرۇلۇشى پۈتتى
  • كورىيە ئاخبارات ئورگانلىرى بىخەستىلىكى تۈپەيلىدىن ئەيىبلەندى
  • تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش
  • گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر تۈرمىسىدە قاماقتىكى ئادەم ئۆلۈپ قالدى
  • يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى
  • بىر گۇرۇپپا ئىقتىسادىي ئۇچۇر
  • غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى سۇپىسى قاراماي شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى.
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • بېيتۈن شەھىرىگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى
  • بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي ئورمانلىقلارنى 2- باسقۇچلۇق قوغداش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى
  • جاھان ئەينىكى
  • مۇبارەك بۈگۈن يەنە بىر قېتىم سوتلىنىدىكەن
  • قاتناش ۋەقەسى چىقىرىپ ئايالىغا ئارتىپ قويغان جىنەنلىك شوپۇر
  • سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • بالدۇر مۇھەببەتلىشىش
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • «ش ئو ئا ر نىڭ ‹12- بەش يىللىق› پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىيات پىلانى» يولغا قويۇلدى
  • {:Mazmun200:}

    جەمئى6 بەت | نۆۋەتتىكىسى 1– بەت| بىرىنجى بەت| ئالدىنقى بەت| كىيىنكى بەت| ئاخىرقى بەت

    باھالار

    باھا يوللانمىغان!!!

    باھا سۆزى يېزىش

    كۈلگىن ئۇنۋېرسال تورى  皖ICP备11022839号-1    پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: boranqush@126.com
    يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
    تور بېتىمىزنى ئۇلانمغا قىلىڭ. بېكەت تۇغى: