ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەسلىدە شۇ كۈنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھاۋايغا دەم ئېلىشقا بارماقچى بولغان. بىراق پارلامېنت ياللانغۇچىلارنىڭ مائاش بېجىنى كېمەيتىش ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىشسىزلارنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلى ئېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش لايىھەلىرىنى ماقۇللىمىغاچقا، ئوباما ئاقسارايدا قېلىپ بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما 1-خانىم مىشېل كۈتۈپ تۇرۇشنى خالىمىغان، ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنىلا ئىككى قىزىنى ئېلىپ، ئايروپىلان بىلەن ھاۋايغا بارغان، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ 100مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ئارتۇقچە چىقىمى باج تاپشۇرغۇچىلارغا يۈكلەنگەن.
گەرچە ئوباما خوتۇن-بالىلىرىنىڭ كۈنلۈكى 3 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىلىق ياتاق ھەققىنى ئۆزى تۆلىگەن بولسىمۇ، لېكىن زۇڭتۇڭ ئائىلىسىنىڭ يۇقىرى سوممىلىق ساياھەت ۋە ئامانلىق ساقلاش خىراجەتلىرى پۇقرالار تاپشۇرغان باجدىن چىقىرىلغان.
ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى دەلىللىشىچە، مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئېدېن بوررىي فىرانسىيەدىكى بىر بويتاقلار يىغىلىشىدا، ناتسېست قىياپىتىدە ياسانغان دوستى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشكەنلىكتىن، تىرانسىپورت ۋەزىرىنىڭ پارلامېنتتا تۇرۇشلۇق خۇسۇسىي كاتىپىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن بوررىي پارلامېنتتا ئېنگىلاند كاننوك-چېس رايونىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، تىرانسىپورت ۋەزىرى سىتىڭ گىرېنىڭ بىلەن ئادەتتىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالاقىلىشىشىدىكى مۇھىم شەخس ئىكەن.
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆتكەن ھەپتە بوررىينىڭ بويتاقلار يىغىلىشىدا چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. سۈرەتتە بوررىي تويى بولۇش ئالدىدا تۇرغان، ناتسېستلار پارتىيەسى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ فورمىسىنى كىيىۋالغان دوستى بىلەن بىللە تۇرغانىكەن. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ بىر باياناتچىسى: «ئېدېن بوررىينىڭ قىلمىشى باشقىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق ھەم ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق. باش ۋەزىر كامېرون بۇ ئىشنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى» دېگەن.
ئەنگىلىيەدىكى «قۇياش گېزىتى»نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئەرمەك ئىت تۇيۇقسىز ئايرودىرومغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇچۇش يولىدا قالايمىقان يۈگۈرۈپ يۈرگەنلىكتىن، ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستېر ئايرودىرومىدا زور قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، 10 نەچچە ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن، يەنە بىر خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلان باشقا ئايرودىرومغا قونۇشقا مەجبۇر بولغان.
مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەنگىلىيەدىكى 4-چوڭ ئايرودىروم ـــــ مانچېستېر ئايرودىرومىدا كۈتۈلمىگەن قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن. بىر ۋىپپېت ئوۋ ئىتى ئىگىسى بىلەن سەيلە قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز تاسمىدىن بوشىنىپ ئايرودىرومغا بۆسۈپ كىرىپ، ئايروپىلان توختىتىش ئورنى بىلەن ئۇچۇش يولىدا قالايمىقان يۈگۈرگەن. گەرچە خىزمەتچى خادىملار ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن خىلمۇخىل ئۇسۇللارنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىت ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدىغان بولۇپ، سائەتلىك تېزلىكى 56 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. ئاخىرى، خىزمەتچىلەر بىر ئۇچۇش يولىنى ۋاقىتلىق تاقاپ، 40 مىنۇت سەرپ قىلىپ بۇ ئىتنى مىڭبىر جاپادا تۇتۇپ، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋەقە ئايرودىرومدا زور قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان، جەمئىي 12 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئايرودىروم ئاسمىنىدا ئەگىپ، قونۇش بۇيرۇقى كۈتكەن. تۈركىيەدىن كەلگەن بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان بولسا، 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بېرمىڭھام ئايرودىرومىغا ۋاقىتلىق قونۇپ، يېقىلغۇ تولۇقلىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن مانچېستېر ئايرودىرومىغا قاراپ ئۇچغان.
|