ئابدۇقەييۇم مىجىت
مەدەنىيەتشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەتشۇناسلار، ئىنسانشۇناسلار بارغانسىرى مەدەنىيەتنىڭ ئىنچىكە، نازۇك تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. جۈملىدىن مەدەنىيەت ئەندىكىشىمۇ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ يەر شارىلىشىشغا ئەگىشىپ ھەر قايسى مىللەت مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان، تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مەدەنىيەت ئەندىكىشى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدە ھازىرلىغان تۇرمۇش شەكلى، ھەرىكەت مىزانى، كىشىلىك قاراش، قىممەت قاراشلارنىڭ يات مەدەنىيەتلەر بىلەن تىگىشكەن، ئۇچراشقان ۋاقىتتا پەيدا بولىدىغان ئەڭ دەسلەپكى ھېسسىي سىلكىنىش، چۆچۈش، ئەجەبسىنىش ۋە تونۇشنىڭ بىردەك بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيەت ئەندىكىشى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ھەتتا بەزى روھىي ۋە جىسمانى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. يات مەدەنىيەت بىلەن ئۆزلۈكسىز ئارىلىشىشقا ئەگىشىپ يۇشۇرۇن، ئاستا خارەكتېرلىك ئىقتىسادى ساراسىمە ھالىتىمۇ پەيدا بولىدۇ. 1958 ~ 1960- يىللىرى ئەتراپىدا ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس ئوبېرگ (Kalvero Oberg) يېڭى يات مەدەنىيەت مۇھىتىدا پىسخىك ئىنكاسنى سىناق قىلىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگە ئاساسلىنىش ئارقىلىق «مەدەنىيەت ئەندىكىشى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ مەدەنىيەت ئەندىكىشى «كىشىلىك مۇناسىۋەتتە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تەسەۋۋۇر ۋە ئوبرازلار (تىل، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، ئىپادە، ئادەت قاتارلىقلار) نى يوقتىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان ئەنسىزلىك ھادىسىسى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، بارلىق يات مەدەنىيەت بىلەن ئارىلىشىشتىن كېلىپ چىققان يېڭى، غەلىتە سەرگۈزەشتىلەر ۋە ھېسسىي تەۋرىنىشلەرنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت ئەندىكىشىگە تەۋە بولغان بولىدۇ. ئومۇمەن، مەدەنىيەت ئەندىكىشى كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىدا ئىسەنكىرەش، گاڭگىراش پەيدا قىلىدۇ، بىلىش سەۋىيىسىگە بىر خىل زەربە ئېلىپ كېلىدۇ. كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسى ۋە فىزىئولوگىيىسدە ماسلىشالماسلىقتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەرىكەت جەھەتتە يات مەدەنىيەتكە ماسلىشالىسىمۇ، ھېسسىيات جەھەتتە ھامان ئۆزىدە بىر خىل يەكلىنىش، رەت قىلىنىش، چەتكە قېقىلىش، يىراقلىشىش، غېرىبسىنىش، يالغۇزلۇق تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىنى داۋاملىق ماسلىشالماسلىق تۇيغۇسى چىرمىۋالسا، ھەم بۇ تۇيغۇ يېغىلىۋەرسە، ئۇزۇن ئۆتمەي قاتتىق چارچاپ ھالىدىن كېتىشى ۋە خارەكتېر جەھەتتىن ۋايران بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى « مەدەنىيەت ئەندىكىشى» دەپ قارىلىدۇ. بۇ ھەقتە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ قارىشىچە مەدەنىيەت ئەندىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل بولىدۇ:
بىرىنچى، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مۇھىتىدىكى ئىجتىمائىي رولىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن كەيپىيات تۇراقسىز بولىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ياشاپ كۆنگەن ۋەتىنىدىن، بولۇپمۇ مەنىۋىي ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھېسسيات ۋە كەيپىياتلىرىدا مۇئەييەن دەرىجىدە تۇراقسىزلىق پەيدا بولىدۇ. بۇ يەردە «مەنىۋىي ۋەتەن» دېگەن ئاتالغۇنى چۈشىنىپ ئۆتۈش زۆرۈر. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» ناملىق كىتابىدا: «‹ۋەتەن›ئىككى قاتلاملىق مەنىدىكى ئېتنولوگىيىلىك تامغا ۋە ئاڭدۇر. بىرىنچىدىن، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياشاپ كەلگەن ماكان ـــ جۇغراپىيىلىك چەمبىرىدۇر. بۇ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك، تارىخىي جۇغراپىيىلىك، رېئال ئىجتىمائىي جۇغراپىيىلىك ماكان چەمبىرى بولۇپ، ‹ ۋتەن› كاتىگورىيىسىنىڭ تاشقى شەرتىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ ماكان چەمبىرىدە كۆز يۇرۇتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياراتقان، ۋارسلىق قىلغان مىللىي مەدەنىيەت تىپى، ئېتنىك روھىيەت خەزىنىسى ـــ تىل، فولكلور، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئۆرپ – ئادەت، ئىقتىسادىي تۇرمۇش رىجسى، مىللىي تارىخى، ئەقىدە– مىزانلىرى، پەخىر ئىپتىخارى ۋە ئار– نۇمۇس ئادەتلىرىدىن ھاسىل بولغان مىللىيەتلىك چەمبىرى بولۇپ، بۇ ۋەتەن كاتىگورىيىسىنىڭ ئىچكى شەرتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.»، «‹ۋەتەن›نى تەشكىل قىلغۇچى تاشقى ماكان ۋە ئىچكى مىللىيەتلىكتىن ئىبارەت ئىككى ئامىلدا ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىچكى مىللىيەتلىكتۇر.» دەيدۇ. جۇغراپىيىلىك ماكان (ۋەتەن) چەمبىرىكىدىن ئايرىلىش كىشىدە فىزىئولوگىلىك ئەندىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ۋەتەن كاتىگورىيىسىنىڭ ئىچكى شەرتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەن كىشىنىڭ پىسخىكىسىدا، روھىي ھالىتىدە مەدەنىيەت ئەندىكىشى پەيدا بولىدۇ. فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئەندىكىشنى خەلقىمىز «سۈيى كىلىشمەسلىك» دېگەن سۆزگە يېغىنچاقلىغان. مەدەنىيەت ئەندىكىشىنى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بولىدىغان تۇيغۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چەتئەللەرگە چىققانلار « ئادەم ۋەتەندىن ۋاقىتتا ئاندىن ۋەتەن بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە بەكرەك ئويلىنىدىكەن.» دېيىشىدۇ. بەلكىم، كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئويلىنىشلىرىغا ئۇلاردىكى مەدەنىيەت ئەندىكىشى تەسىر كۆرسەتسە كېرەك.
ئىككىنچى، ئىككى خىل مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى مەدەنىيەت ئەندىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ نىگىزلىك ئامىلدۇر. كىشىلەر يات مەدەنىيەت مۇھىتىغا كىرگەندە ئۇزۇن مەزگىلدە شەگىللەنگەن مەدەنىيەت قىممەت قارىشى بىلەن يېڭى مۇھىتتىكى بەزى قىممەت قاراشلار زىت كېلىپ قېلىپ، ھەرىكەت جەھەتتە نېمە قىلارنى بىلمەي قالىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. يات مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى كىشىلەر نورمال دەپ قارايدىغان ئىشلار ئۇ كىشى ئۈچۈن تاسادىپىيلىق، غەلىتىلىك، بىنۇرماللىقتەك تۇيۇلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىدا سىلكىنىش، چۆچۈش، شۈركىنىش، ئەندىكىش، تەشۋىشلىنىش، ئەندىشە قىلىشتەك ھالەتلەر يۈز بېرىشى، ھەتتا ئۇنىڭ قىممەت قارىشىدا زىددىيەت ۋە توقۇنۇش پەيدا بولىشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى، يېڭى مۇھىتتىكى تۇرمۇش شەكلى، تۇرمۇش ئادىتى، جۇغراپىيىلىك ئىقلىم جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلار تۈپەيلى يات يۇرتتىكى يېڭى ھاياتقا ماسلىشىشنىڭ تەس بولىشىمۇ مەدەنىيەت ئەندىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر سەۋەبتۇر.
مەدەنىيەت ئەندىكىشىنىڭ يۈز بېرىش جەريانى ئومۇمەن مۇنداق تۆت باسقۇچنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ: شېرىن ئاي باسقۇچى، چۈشكۈنلىشىش باسقۇچى، ئەسلىگە كېلىش، تەڭشەش باسقۇچى ۋە ماسلىشىش باسقۇچىدىن ئىبارەت. بۇ باسقۇچلار ھەققىدە تېخىمۇ كونكىرىتراق توختىلىشىمىز:
شېرىن ئاي باسقۇچى: ئەمدىلا يېڭى مەدەنىيەت مۇھىتىغا قەدەم قويغۇچىدا يېڭى مۇھىتتىكى ھەر قانداق نەرسىگە نىسبەتەن بىر خىل قىزىقسىنىىش، ھەۋەس قىلىش ۋە ھەيران قېلىش تۇيغۇلىرى بولىدۇ. «يېڭى ئۆستەڭنىڭ سۈيى سوغۇق» دېگەندەك يېڭى مۇھىتتىكى ھەر قانداق نەرسە ئۇ كىشىگە يېڭى، ساپ تۇيغۇ بېرىشى ۋە بارا- بارا ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن يات مەدەنىيەت مۇھىتى ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى ھەمدە مۇشۇ يات مەدەنىيەت مۇھىتىغا قەدەم بېسشتىن بۇرۇنقى ئۆزىنىڭ مۇشۇ يۇرت، مەدەنىيەت ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى بىلەن ئۇنىڭ رېئال ھالىتى ئوتتۇرسىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى كۆڭلىدە سېلىشتۇرۇپ بېقىشى تەبىئىي ئەھۋال. لېكىن «شېرىن چۈش قىسقا بولىدۇ.» دېگەندەك شېرىن ئاي باسقۇچى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى يات مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى نەرسىلەرگە بولغان قىزىقىش، ھەۋەس ئاستا- ئاستا سۇسلىشىدۇ.
چۈشكۈنلىشىش باسقۇچى: ئادەمدە ئەسلىدە بار بولغان تۇرمۇش شەكلى، ئۆرپ- ئادەت، قائىدە- يۇسۇن قاتارلىقلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، سۇسلىشىدۇ ۋە ئاجىزلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمدە بىر خىل سېغىنىش، ھىجران، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك پەيدا بولىدۇ. ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالاقە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كىشىلەر ئاسانلا بۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. ئەكسىچە بولغان كىشىلەردە بۇ ھالەت ئۇزۇنراق داۋاملىشىپ قالىدۇ.
ئەسلىگە كېلىش، تەڭشەش باسقۇچى: يات مەدەنىيەت مۇھىتىغا ماسلىشىپ بىر مەزگىل ياشىغاندىن كېيىن، كىشىنىڭ يېڭى مۇھىتىدىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ئېشىپ بارغانسىرى، بىرەر ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇش، باشقىلار بىلەن ئاكتىپلىق بىلەن ئالاقە قىلىش، شۇ خىل مەدەنىيەت مۇھىتىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەدرىجىي ئۆزىدىكى مەدەنىيەت ئەندىكىشىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن يېڭى مەدەنىيەت مۇھىتى ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەشكە باشلايدۇ.
ماسلىشىش باسقۇچى: ئادەم يېڭى مەدەنىيەت مۇھىتىغا كۆنۈپ، ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتى بىلەن يېڭى مەدەنىيەت مۇھىتى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، ھەر خىل ھەرىكەت شەكىللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىپادىلەشكە ۋە ئۆزلۈك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا باشلايدۇ.
چەتئەللەردە مەدەنىيەت ئەندىكىشى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار خېلى چوڭقۇرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بىزدە تېخى رەسمىي باشلانغىنى يوق. لېكىن چەتئەللەرگە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا چىققان ھەم مەدەنىيەت ئەندىكىشىنى ئۆز بېشىدىن كەچەرگەن پىكرى ئويغاق زىيالىيلىرىمىز ـــ گەرچە مەخسۇس ۋە سىستېمىلىق بولمىسىمۇ ـــ بۇ ھەقتە بىزگە ئاز- تولا ئۇچۇر بەردى. مەسىلەن، ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق ئەسىرىدىن مەدەنىيەت ئەندىكىشى ھەققىدىكى مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز. ئەسئەت سۇلايماندىن كېيىن مەدەنىيەت ئەندىكىشى ھەققىدە كۆپرەك ئۇچۇر بەرگۈچى زۇلپىقار بارات ئۆزباش بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلار ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە كۆپلەپ چىقماقتا. ئۇلار يات مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشقان ۋە شۇ مۇھىتتا ياشىغان ۋاقىتتا ئۆزىدە بىر خىل مەدەنىيەت ئەندىكىشىنى ھېس قىلىشى مۇقەررەر. شۇڭا، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن مەدەنىيەت ئەندىكىشىنىڭ سەۋەبى، ئىپادىسى، جەريانى ۋە ئۇنى ئازايتىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئازدۇر- كۆپتۇر ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ قويغاننىڭ پايدىسى كۆپ. مەدەنىيەت ئەندىكىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان پىسخىك تەڭپۇڭسىزلىقنى يېڭىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەدەنىيەت ھالقىغان ئالاقە ئىقتىدارى ۋە تەبىئىي، ئىجتىمائى مۇھىتقا، يات مەدەنىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇش ـــ كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىل مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئۆزىنىڭ مەنىۋىي مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاشنىڭ كاپالىتى.
|