ئابدۇقەييۇم مىجىت
ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش سۈرئىتىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى قانداق قوغداپ قېلىش ھەققىدە باش قاتۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەردە شۇ دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر گەۋدىلىك ئەندىزىسىنى ساقلاش بىلەن بىرگە مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشمۇ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنىڭ مەركىزىدىكى مەسىلىگە ئايلاندى. بۇ مەسىلىنىڭ جەمئىيەتلىشىشى ۋە خەلقئارالىشىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنداق: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2001-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى پارىژدا ئېچىلغان 31-قېتىملىق يېغىندا «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى خىتابنامىسى» نى ماقۇللىدى. بۇ خىتابنامە «ئالاھىدىلىك، كۆپ خىللىق ۋە كۆپ مەنبەلىشىش»، «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق»، «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكى ۋە ئىجادىيەت»، «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكى ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقلىق» قاتارلىق قىسىملارغا بۆلۈنۈپ جەمئىي 12 ماددىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاخىرىدا «پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى خىتابنامىسى ھەرىكەت پىلانىنىڭ مۇھىم نوقتىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نىڭ 20 تۈرلۈك تەكلىپى ئوتتۇرغا قويۇلدى. خىتابنامىدە «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، كەڭ قورساق بولۇش، سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئەڭ ياخشى كاپالىتى قىلىش» نىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى. يەر شارىلىشىش كۈنسىرى گەۋدىلىك بولىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بۇ خىتابنامە ئالاھىدە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، داۋاملاشتۇرۇشىنى بىر ئىجتىمائىي ئاتمۇسفرا ۋە بىر زۆرۈر قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن يەر شارىلىشىشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ نېمە ئۈچۈن مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش كېرەك؟ قانداق قوغداش كېرەك؟ مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ دېگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىلمىي مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور.
1. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ يەر شارىلىشىش ھەققىدىكى قاراشلار
مەيلى تارىختا بولسۇن ياكى بۈگۈنكى كۈندە بولسۇن دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەت، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ھالبۇكى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش دولقۇنىنىڭ زەربىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى ۋە مەدەنىيەتنىڭ يەرشارىلىشىش مەسىلىسى ئىلىم ساھەسىدە مۇھاكىمە قىلىنىشقا باشلىغان. ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالامدۇ- يوق؟ مەدەنىيەت ئىقتىسادقا ئوخشاش يەر شارى مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرەلەمدۇ- يوق؟ دېگەن مەسىلىلەر بۇ مۇھاكىمىلەرنىڭ مەركىزى نوقتىسى ئىدى. ئىلىم ساھەسىدە بۇ مۇھاكىمىلەرنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ يەر شارىلىشىش مەسىلىسى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان ھەر تۈرلۈك قاراشلار ئوتتۇرغا چىقتى. بۇ قاراشلارنىڭ تىپىكرەك بولغانلىرى مۇنداق ئۈچ خىل:
بىرى، ئېھتىمال يەر شارى مەدەنىيىتى شەكىللىنىشى، دېگەن قاراش. بۇ قاراشنى قوللىغۇچىلار، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆز- ئارا ھەرىكەتلىنىش ۋە بىر گەۋدىلىشىش دولقۇنى ھەر قايسى مەدەنىيەت تىپلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئارىلىق ۋە پەرقلەرنى كىچىكلىتىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆلچەم - قىلىپ، ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەت يەرلىك ئۆلچەم، ئىدىيىلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزى ئالىملار مەدەنىيەتنىڭ يەر شارىلىشىشىنى ياكى خەلقئارالىشىشىنى ئاشكارە تەشەببۇس قىلىدى ۋە يەر شارىلىشىش ۋە خەلقئارالىشىشنىڭ ئەمەلىي ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
يەنە بىرى، بىر دۆلەت ياكى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىجتىمائىي فونكىتسىيىسى نوقتىسىدىن قارىغاندا، دۆلەت ۋە مىللەت يوقالماستىن بۇرۇن، بىر خىل ماس يەر شارى مەدەنىيىتىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس، دېگەن قاراش. بۇ قاراشتىكىلەر، يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ۋە ھەرىكەتلىنىش ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنى يېڭى قوشۇلۇشقا باشلىشى مۇمكىن. بىراق يەر شارىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىمۇ ئېھتىمال ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ مۇداپىئە ئېڭىنى قوزغىتىپ قويىشى، ھەمدە ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆلچەم مۇقەررەر ھالدا كىشىلەر تەرپىدىن يەرلىك ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ شەرھىيىسىنى چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت جاھانگىرلىكىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئامالى يوق، دەپ قارايدۇ.
ئۈچىنچىسى، ئىجادچانلىق ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالاقە ناھايىتى تىز سۈرئەتتە يېڭى مەدەنىيەت ئىجاد قىلماقتا، يەر شارىلىشىشنىڭ تۈرتكىسىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىشمۇ تىزلىشىدۇ. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قەدىمى مەدەنىيەتنىڭ ئوخشاشلىشىش قەدىمىدىن كۆپ تىز بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرى يېڭىپ چىقىدىغىنى مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىدۇر. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بىر خىل ئۆز - ئارا ئۆتۈشۈش مۇناسىۋىتى بولۇپ، يەر شارىدىكى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ ئالاقە سۈرئىتىنىڭ ئېشىشى، ئۆز - ئارا ئۆتۈشۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرلىشىشى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى چۈشىنىشىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرسىدا ئارىلىشىش ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. ئارىلىشىش ۋە توقۇنۇش جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر مۇقەررەر يۇسۇندا ئۆز- ئارا تەسىر كۆرسىتىشىدۇ، ئۆز - ئارا ئارىلىشىدۇ، كۈچلۈك مەدەنىيەتنىڭ ئاجىز مەدەنىيەتكە بولغان تەسىرى تېخىمۇ زور بولىدۇ، سىڭىشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. ئەمما يەر شارى بۇيىچە ئوخشاش خاراكتېرلىك مەدەنىيەت شەكىللىنىشى ناتايىن. دۆلەت ۋە مىللەت يوقىلىشتىن بۇرۇن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ خاسلىق، ئالاھىدىلىكلىرى ئۇزۇنغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. مەدەنىيەتشۇناسلار بۇ خىل قاراشنى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن دەپ ھېسابلاشماقتا. قىسقىسى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىش يۈزلىنىشىنى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان تەسىرىنى توسىۋالغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدۇ. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ مەنبەلىشىش يۈزلىنىشى ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇد بولىدۇ.
2. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟
بىرىنچى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئېكئولوگىيىلىك كۆپ خىللىق ۋە بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىق بىلەن ئۆز - ئارا تايىنىدۇ، ئۆز - ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ماددى دۇنيا ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ۋە تەرەققىي قىلغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېكئولوگىيىلىك مۇھىت ئوخشاش ئەمەس، ئوخشاش بولمىغان ئېكئولوگىيىلىك مۇھىتتا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت سىستېمىسى شەكىللىنىدۇ. ئەمما، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى پاسسىپ ئەمەس، ئۇ يەنە ئېكئولوگىيە ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئىككىلىسى بىر - بىرىگە تايىنىدۇ، تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلار مەدەنىيتى شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپلار نىسبەتەن بېكىنمە ھالەتتە بولغانلىقتىن، ئوخشاش بولمىغان رايۇنلاردىكى ئېتنىك گۇرۇپلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى شالاڭ ياكى يوق ئىدى. ئېكئولوگىيىنىڭ ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپلارنىڭ ئەزەلى ۋە ئەڭ دەسلەپكى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى بەك چوڭ بولۇپ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئېكئولوگىيىلىك مۇھىتتا ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەدەنىيەت تىپى شەكىللىنىدۇ. ئېكئولوگىيىلىك مۇھىت بولسا سەۋەب، مەدەنىيەت تىپى بولسا نەتىجىدۇر. ئېكئولوگىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ شۇ ئېتنىك گۇرۇپىنىڭ ماددىيىتى، تۈزۈمى، مەنىۋىيىتى ۋە پەن- تېخنىكا مەدەنىيىتىگە ھەمدە ئىجتىمائىي تەشكىلى بىلەن مىللىي خاراكتېرىگە ناھايىتى مۇھىم ۋە چوڭ تەسىر پەيدا كۆرسىتىدۇ. مەلۇم بىر ئېتنىك گۇرۇپنىڭ مەدەنىيىتى تەرەققى قىلىپ پىشىپ يېتىلگەن، مۇقىم بولغان ۋە ئۆزلىكىدىن سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئۆزى يېتىلگەن ئېكئولوگىيىگە تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئېتىقاد ۋە قىممەت قاراشنىڭ ئېكئولوگىيىگە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن ئېكئولوگىيىلىك مۇھىت زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ ئوبېيكتىپ دۇنيانىڭ تەلىپى.
ئىككىنچى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى مىللەت ۋە قەۋىملەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس بۇلىقى. ئۇ مۇنداق ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، كۆپ ھاللاردا مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ياكى مەلۇم بىر خىل يېڭى مەدەنىيەتنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالمىشىشى جەريانىدا پەيدا بولىدۇ. كۆپ قىسىم يېڭى مەدەنىيەت ئامىللىرى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزلەشتۈرۈش ياكى ئۇلارنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئىجاد قىلىنىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن داڭلىق ئۇسسۇل، مۇزىكا، رەسىم ۋە ھۈنەر- سەنئەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى جەريانىدا پەيدا بولغان. يەنە بىرى، نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ھەر خىل ئىجادىيىتى ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۇل، ئاساس قىلغان. ئۆزنىڭ ئەنئەنىسىدىن ئايرىلغان ھالدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرمۇ روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولمايدۇ. شۇڭا، ھەر خىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى قوغدىلىشى، ئېچىپ پايدىلىنىلىشى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى خىتابنامىسى» نىڭ بىرىنچى ماددىسىدا: «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى بولسا ئالماشتۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىجادىيەتنىڭ بۇلىقى.» دېيىلگەن. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بىئولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قامدىغىنىغا ئوخشاش مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قامدايدۇ. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسى، ھازىرقى كىشىلەر كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ ئۇنى ئىتراپ قىلىشى ۋە جەزىملەشتۈرۈشى كېرەك.
ئۈچىنچى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى بولسا مىللەتلەر باراۋەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ ئاساسى. دۇنيادا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ـــ مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر ــــ جەمئىيىتى قانداق تەرەققىيات باسقۇچىدا بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى بىردەك باراۋەر. ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز – ئارا بىر - بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ھۆرمەتلىشى، ئۆز - ئارا چۈشىنىشىشى كېرەك. مەدەنىيەت ھوقۇقى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۆز - ئارا بىر - بىرىگە تايىنىدۇ، ئۇلارنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ تىل - يېزىق تاللاش، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بىلەن ئۆز ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى تارقىتىش ھوقۇقى بولىدۇ. پەقەت ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يېتەرلىك قوغدىغاندىلا، ئاندىن مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ، يەنە شۇندىلا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەركىن ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، مەدەنىيەت مىراسى بىر مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ مۇھىم قىممەتكە ئىگە بايلىقى، ئۇ كېيىنكى ئەۋلادلارغا بەخىت يارىتالايدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ- ئادىتى، قائىدە – يۇسۇنلىرى، مۇراسىملىرى، يىمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، رەڭگارەڭ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى ئارقىلىق تەڭداشسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىنسانىي مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مەدەنىيەت مىراسى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىش ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە. بىرى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى تارىخنى چۈشىنىش، ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش، مىللىي ئىپتىخارىنى ئۆستۈرۈش، ئۇيۇشتۇرۇش، روھلاندۇرۇش، مىجەز - خۇلق يىتىشتۈرۈش، روھنى پاكلاش رولىغا ئىگە. يەنە بىرى، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت مۇھىم ئىقتىسادى قىممەتكە ئىگە. مەدەنىيەت مىراسى بايلىقىنىڭ تۈرتكىسىدىكى ساياھەتچىلىك پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىدا خېلى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەنلىكىتىن بەزى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەتچىلىك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنىڭ كىرىمى شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق مالىيە كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بەزى تەرەققى قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مەدەنىيەت مىراسى بايلىقلىرىنى قوغداش، ئېچىش ۋە پايدىلىنىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرمەكتە.
بەشىنچى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتى نىسپىيلىككە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى- تۆۋەن، ئېسىل- ناچارلىق پەرقى يوق. كەڭ مەنىدىكى مەدەنىيەت ئۇقۇمىدىن قارىغاندا، بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئىككى بۆلەككە ئايرىشقا بولىدۇ: مىللىي مەدەنىيەت ۋە دۇنياۋىي مەدەنىيەت ياكى مىللىيلىكى كۈچلۈك بولغان مەدەنىيەت ۋە دۇنياۋىيلىقى كۈچلۈك بولغان مەدەنىيەت دېيىشكىمۇ بولىدۇ. قىممەت قاراش، ئېتىقاد، ئەدەب – ئەخلاق، غايە، سەنئەت، تۈزۈم، قائىدە- يۇسۇن قاتارلىقلار مىللىيلىكى سەل كۈچلۈك مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ كۆپىنچىسىنى ھەر بىر مىللەت ئۆزلىرى «ئىجاد» قىلىدۇ. بىز دەۋاتقان «ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت» ياكى «خەلق مەدەنىيىتى» ئاساسلىقى مۇشۇ مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ. پەن-تېخنىكا ۋە شۇنىڭدىن ياسالغان ماددى مەدەنىيەت «دۇنياۋىي مەدەنىيەت» بولۇپ، بۇ «كەشىپ» قىلىنغان. مىللىيلىكى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان مەدەنىيەت نىسپىيلىك، مۇتىئەسسىپلىك (كونسېرۋاتىپلىق)، يەكلىمىلىك ۋە تەدرىجىي ئۆزگىرىشچانلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسا، دۇنياۋىيلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان مەدەنىيەت سېلىشتۇرۇشچانلىق، تۇراقسىزلىق ۋە تىز ئۆزگىرىشچانلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ. مىللىيلىكى سەل كۈچلۈك مەدەنىيەتنىڭ نىسپىيلىكى سەل كۈچلۈك بولۇپ، ئىلغار ياكى قالاقلىق ئايرىمىسى بولمايدۇ. ئەمما دۇنياۋىيلىقى سەل كۈچلۈك بولغان مەدەنىيەتنىڭ سېلىشتۇرۇشچانلىقى سەل كۈچلۈك. چۈنكى، پەن - تېخنىكىنىڭ كۈندىن- كۈنگە يېڭىلىنىشى، ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشى سەل تىز بولىدۇ. كېيىن كەشىپ قىلىنغان نەرسىلەر دائىم بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان نەرسىدىن ئىلغارراق بولىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىدىكى ئۆرپ - ئادەت، ئېتىقاد، ئەدەب - ئەخلاق، ئائىلە - نىكاھ، ئەدەبىيات - سەنئەت، تىل - يېزىق قاتارلىقلارغا شۇ مىللەتنىڭ قىممەت سىستېمىسى بىلەن باھا بېرىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ قىممەت ئۆلچىمى بىلەن باھا بېرىشكە بولمايدۇ. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئاساسلىقى مىللىيلىكى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. دۇنياۋىي مەدەنىيەت بىلەن مىللى مەدەنىيەتنى سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ، ھەممىسىنىڭ ئېنىق ئىلغار ۋە قالاقلىق ئايرىمىسى بار. تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر بىلەن تەرەققى تاپقان ئەللەر ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنىڭ بارغانسىرى زورىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ دۇنياۋىيلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان مەدەنىيىتىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشى ۋە ئاكتىپ كىرگۈزۈشى، شۇ ئارقىلىق ئىقتىساد ۋە ماددى تۇرمۇش جەھەتتىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىشى كېرەك.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ سىجىل تەرەققى قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى. بەزى ئالىملار مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ـــ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە گۈللىنىشى مۇھىم كاپالىتى ۋە ئىنسانلاردىن ئىبارەت بۇ جانلىقلار تۈرىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇد بولۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ھازىرقى دۇنيانىڭ ئوبېيكتىپ رېئال ئېھتىياجىدۇر.
3. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قانداق قوغداش كېرەك ؟
مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قانداق قوغداش كېرەك؟ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا تەدبىر قوللىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ- يوق ؟ دېگەن مەسىلىلەردە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس. بەزى ئالىملار، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە نىسبەتەن قوغداش تەدبىرى قوللىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، مەدەنىيەت كونسېرۋاتىپلىققا ئىگە، سىرتقى مەدەنىيەتنى ئەينەن ۋە پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىش ناتايىن، تارقىلىپ كىرگەن سىرتقى مەدەنىيەت ئۆزگىرىپ، ئەسلى قىياپىتىگە ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت شەكىللىنىدۇ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى، مەدەنىيەت بىر ھەرىكەتچان، ئۆزگىرىشچان ھالەتتىكى بىر پۈتۈن گەۋدە. بىر قىسىم قوغداش تەدبىرلىرى بەزى مەدەنىيەت تۈرلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى توسۇپ، مەدەنىيەتنى قاتماللىققا، تۇرغۇنلۇققا مەھكۇم قىلىدۇ ھەمدە مەدەنىيەتنىڭ باشقا مەدەنىيەت تىپلىرى بىلەن بولغان قوبۇل قىلىش، ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىنى چەكلەپ، مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە يېڭى قان تولۇقلاش، ئۆزىنى بېيىتىش، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى چۈشەپ قويىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن كۆپ قىسىم ئالىملار بۇ خىل قاراشقا قوشۇلمايدۇ. ئۇلار، يەرشارىلىشىش يۈزلىنىشى كۈنسىرى گەۋدىلىك بولىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، ئەگەر ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىلمايدىكەن، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇد بولىشى ناھايىتى تەس. شۇڭا، قوغداش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك. قانداق قوغداش مەسىلىسىگە كەلگەندە، مۇنداق بىر قانچە قوغداش تەدبىرى ئوتتۇرغا قويۇلدى:
بىرىنچى، قانۇن چىقىرىپ قوغداش. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1972- يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى» نى بەلگىلەپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش دائىرسىگە كىرگۈزدى؛ 1989- يىلى يەنە «ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەتنى قوغداش تەكلىپى» نى ئوتتۇرغا قويۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە فولكلور مەدەنىيىتىنىمۇ قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. 2001- يىلى «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى خىتابنامىسى» ئوتتۇرغا قويۇلىدى. 2003- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى 32 - قېتىملىق يېغىنىدا «غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى» نى ماقۇللىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى «2000- يىللىق دۇنيا مەدەنىيىتى دوكلاتى» ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى 57 دۆلەت شەكىلسىز مەدەنىيەت ۋە فولكلور مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى قوغداشنى دۆلەت مەدەنىيەت سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى قىلغان. 52 دۆلەت قانۇنى شەكىلسىز مەدەنىيەت ۋە فولكلور مەدەنىيىتى مىراسلىرىنىڭ «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى» جەھەتتىكى نىزام- ماددىلىرىنى بېكىتتى. ياپۇنىيە ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى نىسبەتەن ياخشى قوغدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ تۈپ سەۋەبى قانۇن تۇرغۇزۇش نىسبەتەن بالدۇر ۋە ناھايىتى مۇكەممەل. ياپۇنىيە 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن تارتىپلا قانۇن تۇرغۇزۇپ قوغداشقا باشلىغان، 1882-يىلى «قەدىمي ئەسۋاب ۋە كونا بۇيۇملارنى ساقلاش ھەققىدە ئېلان» نى چىقاردى، 1898-يىلى «قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش قانۇنى» نى بىكىتتى، 1921-يىلى «تارىخىي ئىزلار، مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقىلەر ۋە تەبىئىي خاتىرە بۇيۇملارنى قوغداش قانۇنى»نى، 1928-يىلى «دۆلەت تەۋەرۈكىنى ساقلاش قانۇنى» نى، 1929-يىلى «دۆلەت تەۋەرۈكىنى قوغداشنى يولغا قويۇش بۇيرۇقى» ۋە «دۆلەت تەۋەرۈكىنى قوغداشنى ئىجرا قىلىش تەپسىلاتى» نى جاكارلىدى. 1933-يىلى «مۇھىم سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى قوغداش قانۇنى» نى بىكىتتى، 1950-يىلى «مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» (شەكىللىك مەدەنىيەت مىراسلىرى، شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى، فولكلور مەدەنىيەت مىراسلىرى، مەشھۇر ئاسارە- ئەتىقىلەر ۋە تەبىئىي خاتىرە بۇيۇملار، ئەنئەنىۋىي ئىمارەتلەر توپى، كۆمۈلمە مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «تەبىئىي قوغداش قانۇنى»، «تەبىئىي باغچىلارنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىقلار بار. ئامېرىكا 1906-يىلى «قەدىمىي يادىكارلىقلار قانۇنى» نى ماقۇللاپ، زوڭتۇڭغا مۇراجىئەتنامە شەكلىدە دۆلەت مىراسلىرى (خارابىلىكلىرى) نى تەسىس قىلىش ھوقۇقىنى بەردى. 1935-يىلى ۋە 1936-يىلى ئايرىم- ئايرىم ھالدا «تارىخى مىراس قانۇنى» ۋە «باغچا، مەنزىرە يولى ۋە ئارامگاھ قانۇنى» قاتارلىقلارنى ماقۇللىدى. كېيىن يەنە نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى بىكىتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ھەر بىر دۆلەت باغچىسىنىڭ مۇستەقىل قانۇنى بار. ھەر خىل قانۇنلار مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراس بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. كورىيەمۇ ئوخشاشلا ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى قوغداشقا ھەسسىلەپ ئەھمىيەت بەردى. كورىيە سېئۇل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفىسسورى جىن گۇاڭيى مۇنداق دېگەن: «1975- يىلىدىن كېيىن، كورىيەنىڭ ئىقتىسادى بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ كاپىتالى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كورىيەگە بولغان تەسىرىنىڭ بارغانسىرى زورىيىۋاتقانلىقىنى، چوڭ‹ئامېرىكىلىشىش›يۈزلىنىشىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى.» شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن كورىيىلىكلەر پۈتۈنلەي ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ياكى تەقلىد قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، شۇ سەۋەبلىك ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ «ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش سادالىرى بارغانسىرى ئۇلغايدى، ھۆكۈمەتمۇ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. «مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» نى بىكىتتى، ھەمدە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىدى. ئەگەر مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل تىياتىر، ئۇسسۇل، ھۈنەر- سەنئەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىقلارنى دۆلەت قانۇن تەسىس قىلىش شەكلى بىلەن قوغدىمىسا، ئىقتىساد، سىياسەت جەھەتتىن قوللىمىسا، بازار ئارقىلىق تەڭشەپ، پايدا- زىيانغا ئۆزى مەسئۇل بولمىسا ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى قامداش تولىمۇ تەس، ھەتتا تەدرىجىي يوقىلىشىمۇ مۇمكىن. يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا قانۇن تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىلمىدى، 1982- يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ناھايىتى ئاددى، تۇنجى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» بار بولدى. 2002 - يىلى نىسبەتەن سىستېمىلىق بولغان ئىككىنچى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى» بار بولدى.
ئىككىنچىدىن، ئېچىپ قوغداش بولۇپ، مىللىي مەدەنىيەتنى ئېچىش ئارقىلىق قوغداشتۇر. مۇبادا ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى جەمئىيەتتىكى رولىنى (فونكىتسىيىسى) يوقىتىكەن، ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. ساياھەت ئارقىلىق ئاچقاندا ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، ھەر مىللەت كىشىلىرىگە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىىتىنى قايتا تونۇتقىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىپ قوغداش. دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى قوغداش ئۇلارنى شۇ پېتى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ساقلاپ قېلىش ئەمەس. مۇتىئەسسىپلىك بىلەن يېڭىلىق يارىتىش بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەقسىتى تېخىمۇ ياخشى قوغداشتۇر. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بولمىسا، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى قوغدىيالىشى ناتايىن. يېقىنقى زامان غەرب «كونسېرۋاتىزىم» (مۇتىئەسسىپلىك) ىنىڭ پېشىۋاسى، ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر ئالىم بۇركې (Edmund Burke) ئۆزىنىڭ «فرانسىيە ئىنقىلابى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش خاتىرىسى» دە: «ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولمسىا، كونسېرۋاتىپلىق ئىقتىدارىمۇ بولمايدۇ. بۇ خىل ئىقتىدار بولمىسا، ئۇ بىر خىل خەۋىپكە يۈزلەنمەي قالمايدۇ: ئۇ ئۆز تۈزۈلمىسىدىكى ئەڭ ساقلاپ قالغۇسى بار قىسىمدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.» دەيدۇ. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىلمىسا ۋە ئىسلاھات قىلىنمىسا، ئۇنىڭ ھاياتى كۈچىمۇ بولمايدۇ، ھازىرقى زامانغا ماسلىشىشقىمۇ ئامالسىز قالىدۇ. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەقسىتى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇنى ئىجادىي ھالدا زامانىۋىي تىپقا ئايلاندۇرۇش، زامانىۋىي جەمئىيەتكە ماسلىشالايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەتكە ئايلاندۇرۇش، ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئۈزۈلدۈرمەي، ئەجدادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشتۇر. جۇڭگو پەلسەپىسىدىكى ئاتالمىش «كونىلىقلار ئارىسىدىن يېڭى ھايات تېپىش» بولسا ئەنئەنىنى ھۆرمەتلەش ھەمدە ئۇنى گۈللەندۈرۈش، ئەمما ئەنئەنىنى شۇ پېتى داۋاملاشتۇماستىن، بەلكى زاماننىڭ تەرەققىياتىغا تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئۇقۇملارنى قوبۇل قىلىش، ئەنئەنىۋىي نەرسىلەرنى يېڭىدىن شەرھىيلەش، كونىلىقنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىلىق يارىتىش، شۇ ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشتۇر. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يولى كۆپ خىل بولۇپ، بىرىنچىسى، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ئاساسىدا يېڭى مەزمۇنلارنى كۆپەيتىش. شۇ ئاساستا زامانىۋىي دېموكراتىك روھ، ئىلىم- پەن روھىنى قوبۇل قىلىپ، گۇمانتار روھنى بېيىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھازىرقى دۇنياغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەدەنىيەتكە قايتىدىن ھايات بەخىش ئېتىپ، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يۈكسەلدۈرۈش. زامانىۋىي پەن- تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە قايتىدىن ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق بەزى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى زامانىۋىي جەمئىيەتتە يېڭى ئىقتىدارغا ئىگە قىلدۇرۇش.
يېغىپ ئېيتقاندا، يەر شارىلىشىش دولقۇنىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ياكى مىللىيلىكى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان مەدەنىيەتلەرنى قوغداش دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچسە، ھېچقانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولمىسا، ئۆزىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى ئورنىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ناھايىتى تەخىرسىز، شۇنداقلا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
|