ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىلىم بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى http://www.kulgin.com تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى. بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.
بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.

خەت نومۇرى:چوڭ | ئوتتۇرھال | كىچىك

ئۈمىد ــــ ھاياتنىڭ يىلتىزى



ئابدۇقەييۇم مىجىت

ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى ئەڭ جۇشقۇن، تېتىك تۇيغۇلارنىڭ بىرى ئۈمىدتۇر. ئۇ ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق شەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان ھەرىكەتكە تۈرتكە بولىدۇ، ئىنساننى بارچە ئىشلاردا تەشەببۇسكارلىققا، ئاكتىپلىققا، ھەر دائىم ئالغا ئىنتىلىپ تۇرۇشقا يىتەكلەيدۇ. ئۇنداقتا زادى ئۈمىد دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ مەنبەسى نەدە؟ ئۈمىدنىڭ ئىنسان ھاياتىغا نىسبەتەن قانداق رولى بار؟ قانداق قىلغاندا ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ھەر دائىم ــــ قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ــــ ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلىغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئەقلىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئويلىنىش ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن مۇھىم ۋە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىشتۇر. بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ھەركىم ئۆزىدىن تاپالايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا سېلىپ، بىلىم قۇرۇلمىمىزغا تايىنىپ ۋە خۇسۇسىي ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز غايە- نىشانلىرىمىزغا يارىشا ئۆزىمىزگە كېرەكلىك بولغان مەنىۋىي تۇيغۇلارنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ تاپقاندىلا، ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل - ئىدراك بايلىقلىرىمىزدىن ئۆزىمىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى قازالىغاندىلا، ئاندىن مۇراد- مەقسەدلىرىمىزنى ھاسىل قىلغىلى، بەخىت مەنزىلىگە قەدەم قويغىلى بولىدۇ.

1. ئۈمىد دېگەن نېمە ؟

ئۈمىد ـــ بىرەر ئىستەكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچ، ئىشەنچ بىلەن كۈتۈش؛ ئارزۇ، نىيەت، مەقسەتتۇر. ئۈمۈد ـــ ھاياتنىڭ يىلتىزى. ھايات دەرىخى ئۇنىڭ بىلەن باراقساندۇر. ئۈمىد ـــ ئۆمۈر تىرىكى. ئەگەر ھاياتنى بىر پىشاڭغا ئوخشاتساق، ئۈمىد ئۇنىڭ تىرەش نوقتىسىدۇر. ئۈمىد ــــ كۈچ، ئۇ يۇشۇرۇن ئاڭدىكى ئىلھامنى قوزغىتالايدىغان ئالاھىدە بىر خىل سېھىرلىك كۈچ. ئۇ ئادەمنى ئوڭۇشسىزلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىش، مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غايەت زور كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۈمىد ـــ روھىي ئېنىرگىيىدۇر، ئۇ چۆلدە ئاداشقان كارۋانغا ـــــ يېراقتىن كۆرۈنگەن ــــ ھاياتلىقتىن دېرەك بەرگۈچى يېشىللىقتۇر، قاراڭغۇ- زۇلمەتتە غىل- پال چاقنىغان نۇردۇر. ئادەمنى تاڭ سەھەردە تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغاتقىنى، بىمارنى كېسەل كارۋىتىدا ئازاب تارتىپ تۇرۇپ بىر دەقىقەت بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈشكە ئىنتىلدۈرگىنى يەنە شۇ ئۈمىدتۇر. ئۇ ئىنسانغا توختاۋسىز ئىلگىرلەش ئۈچۈن ئىلھام، غەيرەت- جاسارەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. ئۈمىد ئىنسانغا ئۇرۇنۇش، چىڭ تۇرۇش، تىركىشىش، ئىزدىنىش، بەرداشلىق بېرىش روھىي بەخىش ئېتىدۇ. ئۈمىدۋارلىق ئادەمنى غايە مەنزىللىرىگە، يۈكسەك چوققىلار ۋە يۇرۇق ساھىللارغا باشلىسا، ئۈمىدسىزلىك ئادەمنى قاراڭغۇ-زۇلمەتكە، تەگسىز ھاڭلارغا باشلايدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا ـــ ياپۇنىيىدە كۆرگەن بىلگەنلىرىم » ناملىق ئەسىرىدە «ئارزۇ ئىنسان ھەرىكىتىنىڭ كۈچ مەنبەسى، ئۈمىد ئىنسان ھەرىكىتىدىكى ئىزچىللىقنىڭ كاپالىتى.» دەيدۇ. ئۈمىد ــــ ئىنساننى مەرىپەت نۇرىغا ۋە سائادەت گۈلشەنىگە يىتەكلىگۈچىدۇر. ئۈمىد ـــ ئىنساننىڭ ھايات يۈرۈشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

2. ئۈمىدنىڭ ئىنسان ھاياتىغا نىسبەتەن قانداق رولى بار؟

ئۈمىد ئىنسان ھاياتىدا مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. ئۈمىدۋار بولغاندىلا، ھەممىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. پەقەت ئۈمىد بولسىلا، غايىب بولغان شان- شەرەپ، سەلتەنەت قايتا تىكلىنىدۇ، يوق نەرسىلەرگە كەلگۈسىدە ئېرىشكىلى بولىدۇ. لېكىن ئۈمىدسىز بۇلارنى خىيال قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. روسسو «ئۈمىد بولسا ئىگىلمەس ھاسا، سەۋرچانلىق سەپەر خالتىسى، ئادەم ئۇلارنى ئېلىپ ئەبەدىيىلىك ساياھەتكە ماڭسا بولىدۇ.» شۇنداق، ئۈمىدسىز بۇ ساياھەتنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۈمىدۋارلىق قەلبكە خۇشھاللىق بېغىشلاپ، ئادەمنى رېئاللىقنى ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا، ھاياتتىن مەنا ئىزدەشكە ئۈندەيدۇ. ئۈمىد رېئاللىققا ئايلانغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى بولىدۇ. چۈنكى، ئىجراسىز ئۈمىدلەر ئارمانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كۈتۈش، ئەسلەش ــــ ئۈمىد، بەل قويىۋېتىش، ۋاز كېچىش، ئۇنتۇش ــــ ئۈمىدسىزلىكتۇر. ئۈمىدسىزلىك ـــ ئىنسان روھىدا بارلىق سەلبىي نەرسىلەرنى ئۈندۈرىدىغان تۇپراق. ئۈمىدسىزلىك ـــ بىپەرۋالىقتىن، ھاياتنى سۆيمەسلىكتىن، ئىشەنچىسىزلىكتىن، ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە پاسسىپ نەزەردە قارىغانلىقتىن بولىدۇ. ئۈمىدسىز كىشىنىڭ قەلبىنى روھىي چۈشكۈنلىك، ھەسرەت- نادامەت، ماغدۇرسىزلىق، نارازىلىق، غېرىبلىق چىرمىۋالىدۇ. غايە دەرەخلىرى بۈك- باراقسان ئاينىغان يەردە ئۈمىدسىزلىك شۇم بۇيىلىرى بىخ سۈرەلمەيدۇ. ئۈمىدسىزلىك ئەگەشمە خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى ئەڭ كۆپ بولغان بىر كېسەلدۇركى، ئۇ ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق، ھەسەتخورلۇق، زەئىپلىك، مەرىپەتسىزلىك قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈمىدسىز ئادەم ھەر قانداق ئىشتا روناق تاپالمايدۇ. ئۈمىدسىز كىشى ئەڭ ئېچىنىشلىق نامراتتۇر. ئۈمىدۋار ئادەم بىلەن ئۈمىدسىز ئادەمنىڭ ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئېرىشىدىغىنى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. ئۈمىد بولغاندىلا ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانىيلىق قىممىتىنى رېئاللاشتۇرۇشقا قەدەم ئالىدۇ. ئۈمىد سۈكۈت ۋە جىمجىتلىقنى بۇزىدۇ. ئۈمىد كىشىلەرنىڭ ئىش- ھەرىكىتىدە ئاكتىپ پوزىتسىيە پەيدا قىلىدۇ. ۋىكتور ھىيوگو «خارلانغانلار» رومانىدا «ئىنسان غايە ۋە ئۈمىد بىلەن ياشىغاندىلا ھايات ئۇنىڭغا مەنىلىك، قىزىق ۋە قىممەتلىك تۇيۇلىدۇ. ئۇ نەرسىلەرسىزچۇ ؟ ھايات توختام سۇ. ئۆمۈر ئۇنىڭدا لەيلەپ يۈرگەن چىرىك كۆتەك.» دەپ يازىدۇ. شۇنداق، ھاياتتىن بىرەر مەنا ھېس قىلمىغان، ياشاشنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەن كىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىمۇ بىر يۈك. ئۇنداقلار ئۈچۈن كۈن ئۆتكۈزمەك، ياشىماق تەسكە توختايدۇ. ئۈمىدسىز كىشىگە ھاياتتا ھەر قانداق نەرسە قەدىر- ئېتىبارسىز، ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز بىلىنىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭمۇ قىممىتى يوقتەك بىلىنىدۇ. شۇڭا، دانالار:

«ئۈمىد بىلەن ياشا ھەر زامان،

ئۈمىدسىزگە بۇ ھايات زىندان.» دېگەن مىسرالارنى قالدۇرغان. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر كىنوسىنى كۆرگەن ئىدىم. كىنودا ئافرىقىدىكى بىر دۆلەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشلەۋاتقان بىر ئەنگىلىيىلىك دوختۇر كەچلىكى باشقىلاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ. شۇ كۈنى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن:

ـــ ئۆلۈكلەرنى كۆمىدىغانغا ياردەمگە ئادەم چاقىرىڭلار! ئۇلار ئۆلۈكلەرنى كەچلىكى كۆمسۈن! باشقىلار بىلمىسۇن! ئۆلگەنلەرگە قاراپ تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۈمىدسىزلىكتىن ئۆلۈپ كەتمىسۇن ! ــــ دەيدۇ.

ماڭا ئۇ دوختۇرنىڭ « ئۆلگەنلەرگە قاراپ تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۈمىدسىزلىكتىن ئۆلۈپ كەتمىسۇن !» دېگەن سۆزى قاتتىق تەسىر قىلدى. ماھىيەتتە ئۈمىد روھ ئىكەن، ئۈمىدسىز ئادەمنىڭ ئۆلۈكتىن پەرقى بولمايدىكەن.

3. ئۈمىدنىڭ مەنبەسى نەدە ؟

ئۈمىد ئىنسان ھاياتىغا نىسبەتەن شۇنداق مۇھىم ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مەنبەسى زادى نەدە ؟ ئىنساندىكى ئۈمىدنىڭ مەنبەسى دەل ئۇنىڭ ئۆزىدە. شىكىسپىر «بەخىتسىزلىكنى داۋالاشنىڭ دۇرىسى ــــ ئۈمىدتۇر.» دەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ دورىنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ دورا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىدە بار. بەخىتسىز كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەخىتسىزلىك دورىسىنىڭ ئۆزىدە بارلىقىنى بىلمەي ياشىغانلاردۇر. ئىنسان ئالدى بىلەن ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۈمىدسىزلىكنىڭ پەرقىنى ھېس قىلغاندىلا ئۆزىدىكى بۇ دورىنى تېپىشقا تەرەددۇتلىنىدۇ. شەيىخ سەئىدى ھەزرەتلىرىمۇ كىشىلەرنى نائۈمىد بولماسلىققا دەۋەت قىلىپ مۇنداق مىسرالارنى يازغان:

«دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمىدلىك بىلەن،

يۇرۇق كۈن توغۇلغاي قارا كېچىدىن. »

ئۈمىد ــــ خۇددىي قاراڭغۇ كېچىدىن يۇرۇق كۈن پارلاپ چىققاندەك ئىنساننىڭ ئۈمىدسىزلىك زۇلمىتى باسقان قەلبىدىن پارلاپ چىقىدىغان يۇرۇق نۇردۇر. مېنىڭچە، ئىنساندىكى ئۈمىدنىڭ مەنبەسى مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ:

بىرى، ئىنساندا ھاياتنى نەتىجە، مۇۋەپپىقىيەت يارىتىش ئارقىلىق مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۆزلۈكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

يەنە بىرى، ئىنساننىڭ شەيئىي، ھادىسە ۋە ھالەتلەرنى توغرا تەپەككۇر قىلىشىدىن ئۈمىد شەكىللىنىدۇ. ئۈمىدۋار كىشىلەر بىلەن نائۈمىد كىشىلەرنىڭ پەرقى ھەققىدە دانالار مۇنداق بىر كىچىك ۋاقىئەنى ھېكايەت قىلىشىدۇ:

«بىر ئۈمىدسىز كىشى بىلەن بىر ئۈمىدۋار كىشى گۇگۇم پەيتىدە سەيلە قىلىپ كېتىۋاتقاندا:

ـــ قۇياش چۆكۈپ كېتىۋاتىدۇ، ـــ دېدى ئۈمىدسىز كىشى ھەسرەت بىلەن.

ـــ يۇلتۇزلار كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ـــ دېدى ئۈمىدۋار كىشى ھاياجان بىلەن.» بۇ كىچىككىنە دېئالۇگدىن مەلۇمكى، ئۈمىدۋارلىق ياكى ئۈمىدسىزلىك شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى قانداق چۈشىنىشكە، قانداق تەپەككۇر قىلىشقا، ئەينى بىر مۇھىتتىكى ئىمكانىيەت، مۇمكىنچىلىكلەرنى ھېس قىلىش- قىلماسلىققا باغلىق. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ «ئۈمىدۋار كىشى بىر ئاپەتتىن بىر ئۈمىدنى كۆرەر، ئۈمىدسىز بىر ئۈمىدتىن بىر ئاپەتنى كۆرەر !» دېگەن گېپىنىڭ ئاساسى بار. ئىنسان تەپەككۇر قىلىپ كۆز ئالدىكى ئىشلاردىكى ئېھتىماللىق، مۇمكىنچىلىكلەرنى دەل ۋاقتىدا ھېس قىلالىسا، ئۈمىد تۇيغۇسى ئەگىز سۈيىدەك شۇ يانغا قاراپ ئاقىدۇ. ئادەم ئۆز ئەتراپىدىكى بارلىق شەيئىلەرگە بىر خىل ئاكتىپ پوزىتسىيىدە يېقىنلىشىشى، ئۇنى چۈشىنىشى، ئۇنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن پايدىلىق تەرەپلىرىنى بايقىشى ۋە ھەر دائىم ھەر قانداق نەرسە، ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق ئورۇندا مېنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىمغا ياردەم قىلالايدۇ، دەيدىغان تەشەببۇسكارانە تۇيغۇدا بولىسىلا ئۇنىڭ قەلبىدە ئۈمىدسىزلىك باش كۆتۈرەلمەيدۇ. ئادەم ھەر قانداق ئىشتا بەزى چەكلىمىلىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەر قانداق ئىشتا قىلماقچى بولغان ئىشنى قانداق قىلغاندا ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ ھەممەيلەن ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلاش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزىدىكى شەخسىيەتچىلىكنىڭ چەكلىمىسىدىن ئازاد قىلالايدۇ. شەخسىيەتچىلىك، ھەممە ئىشتا ئۆزىنىلا ئويلاش، ئۆزىنىلا مەركەز قىلىشمۇ ئادەمنىڭ ئۈمىدلىرىنى تىز خورىتىپ، ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا قىلىدۇ. بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاسانلا بەل قويىۋەتمەستىن، سەۋرچانلىق بىلەن «بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش، ھەممە ئىشنىڭ يامان تەرىپىدىن ياخشى تەرىپىنى بەكرەك ئويلاش ئارقىلىق ئۆزىدىكى ئۈمىدۋالىقنى ئاشۇرۇپ تۇرۇش مۇمكىن. ئەجدادلىرىمىز «ئادەمنى ئارزۇ ئۇچۇرىدۇ، قۇشنى قانات (ئۇچۇرىدۇ).» دەيدۇ. ئۈمىد ــــ ئىنسانغا قانات. خۇددى قاناتسىز قۇش ئۇچالمىغاندەك، ئۈمىدسىز ئادەممۇ ئۇچالمايدۇ. ئالغا باسالمايدۇ، ئىش- پائالىيەتلىرىدە پەللىمۇپەللە ئۆرلەپ، كۆزلىگەن مەنزىللىرىگە يېتەلمەيدۇ. ئىنساننى ئۇچۇرىدىغان بۇ «قانات» دەل ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تېنىدىن كۆكلەپ چىقىدۇ.

4. ئۈمىدنى كىمدىن كۈتۈش كېرەك ؟

بىز ئىنساننىڭ ئۈمىدۋار بولىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۈمىدنىڭ مەنبەسى ھەققىدە سۆزلىدۇق. خوش، ئۇنداقتا ئىنسان نېمىدىن، كىمدىن ئۈمىدۋار بولىشى- كىمدىن ئۈمىدۋار بولماسلىقى كېرەك ؟ مېنىڭچە ئىنسان ئۆزى ھەر قانچە قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىمۇ ھامان ئۇنىڭغا بىر چىقىش يولى بولىدىغانلىقىغا، ئۆز غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن جاپاغا چىداپ تىرىشسىلا غايە مەنزىلىگە يېتىپ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا، كەلگۈسىنىڭ ھازىردىن چۇقۇم ياخشى بولىدىغانلىقىغا، قىلىۋاتقان ئىشىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولىشى كېرەك.

ھاياتتا ئاتا- ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىدىن، پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىلاردىن، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردىن، ھۈنەرۋەن - كاسىپ، سودىگەرلەر خېرىداردىن، بەندە ياراتقۇچىدىن، ئاشىقلار مەشۇقىدىن، مەشۇقلار ئاشىقىدىن، ھاجەتمەنلەر كۈچلۈكلەردىن ئۈمىدۋار بولىشىدۇ. كۈتۈلگەن بۇ ئۈمىدلەرنىڭ بەزىسى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، بەزىسى قۇرۇق تەمەگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ئۈمىد قىلغۇچى ئالدى بىلەن شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدىغان- ئاقلىيالمايدىغانلىقىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلاش – باغلىماسلىقنى بېكىتىشى زۆرۈر. ئۈمىد ئادەمنىڭ ئۆزىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، ئۇنىڭ باشقىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇ كىشىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپلىك بولىدۇ:

(1) ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىد كۈتىشى

ئادەم ئۆزىدىن بىرەر ئىشنى ئۈمىد قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالىش– ئاقلىيالماسلىقىنى بىر دەڭسەپ، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزىۋالغاندىن كېيىن شۇ ئۈمىدى ئاساسىدا ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئۈمىدلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىشەنچىلىكى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىدۇر. ئادەم ئۈمىدنى باشقىلاردىن كۈتكەندىن كۆرە ئۆزىدىن كۈتكىنى ياخشى.

(2) باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتۈش

باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتۈش ياكى ئەمەلگە ئاشمايدىغان نەرسىلەرنى ئۈمىد قىلىش ئادەمنى تەمەخور قىلىپ قويىدۇ. ئابدۇللا ئەۋلانى «تۈركىي گۈلىستان ياخۇد ئەخلاق» ناملىق دېداكتىك ئەسىرىدە « تەمە دەپ باشقىلاردىن بىر نەرسە ئۈمىد قىلماققا ئېيتىلىدۇ. تېنى ۋە ئەزالىرى ساق، كۈچ - قۇۋۋەتلىك كىشىلەرگە تەمە قىلماق ھارام، ئاجىز ۋە ناتەۋان، كۈچسىز كىشىلەرگە مۇباھدۇر (رۇخسەت قىلىنغان ئىش، راۋا؛ قىلسا ساۋاب، قىلمىسا يامان بولمايدىغان ئىش).» دەيدۇ. شۇڭا، ئادەمنى نەپسى ئۈچۈن خار قىلىدىغان تەمە ئوتىدا نان پىشمايدۇ.

(3) باشقىلارنىڭ شۇ كىشىدىن ئۈمىد كۈتىشى

ئۈمىدسىز كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇلىرىنى ئويغىتىپ، باشقىلارغىمۇ ئۈمىد بېغىشلىيالايدىغان، باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلالايدىغان ئادەم بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. باشقىلارنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئادەمگە ئىززەت- ھۆرمەت، شان- شەرەپ بېغىشلايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئادەم ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ، روھىنى مەھرۇملۇق ئازابلىرى چىرمىۋالغاندا باشقىلارنىڭ ئىلھامى، مەدىتى ئۇنىڭدا قايتىدىن ئۈمىد پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئۈمىدسىز كەيپىياتتىكى كىشىلەرگە تەسەللىي، ئىلھام بېرىش، خۇددى شۇ كىشىنىڭكىگە ئوخشاش قېيىن ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەندە باشقىلارنى قانداق قىلغانلىقىنى ياكى ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇرۇش مۇمكىن. ئومۇمەن، ئۈمىدنى كىمدىن كۈتۈش ــــ ئۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىش- ئايلىنالماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىدۇر. شۇڭا، ئادەم ئۈمىدنى باشقىلاردىن كۈتكەندىن كۆرە ئۆزىدىن كۈتكىنى ياخشى، باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتۈش ھاماقەتلىكتۇر.

5. ئۈمىدنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشى

       ئادەم ئۆزى ئۈمىد قىلغان نەرسىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلغان ھامان ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، يېڭى ئارزۇ- ئۈمىدلەردە بولمىقى لازىمدۇر. ئۈمىد قىلغان بىرەر ئىشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا باشقىلارغا نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئەگەر مۇنداق بولغان بولسا مۇنداق بولاتتى.» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ۋاقىتنى زايە، ئۆمۈرنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. خەلقىمىزدە «بىر ئارزۇ ئون ئارزۇنى تۇغىدۇ.» دەيدىغان تەمسىل بار. بۇ مەلۇم بىر جەھەتتە ئارزۇسىغا يەتكەن كىشى داۋاملىق يېڭى ئارزۇلاردا بولىدۇ. ئادەم ئارزۇدىن خالىي بولالمايدۇ، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنساندىكى ئارزۇ- ئۈمىدنىڭ توختاۋسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشى ئادەمنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ «ئادەم دېگەن ئارزۇ- ئارمانلىرىغا قانماي ئۆتىدىكەنغۇ دۇنيادىن !»  دېگەن گېپىنى ئاڭلايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنساننىڭ ھاياتىدا ئارزۇ - ئارمانلارنىڭ توختىماستىن يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىدىندۇر. يەنە بەزىلەرنىڭ «ئادەمنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا ئۆلۈپ كېتەرمىش.» دېگەنلىرىنىمۇ ھەم ئاڭلايمىز. مېنىڭچە، بۇ يەردىكى «توققۇزى تەل بولۇش» ئىنساننىڭ بارچە ئارزۇ- ئارمانلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىپ، ھەممە نەرسىسى تولۇق، كەم - كۈتىسىز، باياشات ھالەتكە يەتكەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك. ئىنساندىكى ئارزۇ - ئۈمىدنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشى ئىنساننى ھاياتنى تېخىمۇ سۆيۈشكە، ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇشقا، ئىشەنچ، غۇرۇر بىلەن ياشاشقا تۈرتكە بولىدۇ. بۇلار مېنىڭ ئۈمىد ھەققىدە ئويلىغانلىرىم. قېنى دوستۇم، ئۈمىد دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ مەنبەسى نەدە؟ ئۈمىدنىڭ ئىنسان ھاياتىغا نىسبەتەن قانداق رولى بار؟ قانداق قىلغاندا ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ھەر دائىم ــــ قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ــــ ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلىغىلى بولىدۇ؟ بۇ سۇئاللار ھەققىدە سىزمۇ ئويلىنىپ كۆرۈڭ !


يوللىغۇچى: كۈلگىن تورى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

مەنبە: news.qq.com

(ماقالە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ. ئۇلارمۇ خەۋەردار بولسۇن)

ئالدىنقى خەۋەر: مەدەنىيەت تەشۋىشى
كىيىنكى خەۋەر: كىتاب سوۋغا قىلىش
  • بېيجىڭ شەھىرى 115 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سىمسىز يەتكۈزۈش ۋە قاپلاش قۇرۇلۇشى پۈتتى
  • كورىيە ئاخبارات ئورگانلىرى بىخەستىلىكى تۈپەيلىدىن ئەيىبلەندى
  • بالدۇر مۇھەببەتلىشىش
  • بىر گۇرۇپپا ئىقتىسادىي ئۇچۇر
  • دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي ئورمانلىقلارنى 2- باسقۇچلۇق قوغداش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى
  • جاھان ئەينىكى
  • سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە «سېرىق، يېشىل رەڭدىكى مۇھىت ئاسراش بەلگىلىرى» نى تارقىتىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئون خىل ھاۋارايى ھادىسىسى
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش
  • «ش ئو ئا ر نىڭ ‹12- بەش يىللىق› پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىيات پىلانى» يولغا قويۇلدى
  • گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر تۈرمىسىدە قاماقتىكى ئادەم ئۆلۈپ قالدى
  • يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى
  • غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى سۇپىسى قاراماي شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى.
  • فىلىپپىندىكى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • {:Mazmun200:}

    جەمئى6 بەت | نۆۋەتتىكىسى 1– بەت| بىرىنجى بەت| ئالدىنقى بەت| كىيىنكى بەت| ئاخىرقى بەت

    باھالار

    باھا يوللانمىغان!!!

    باھا سۆزى يېزىش

    كۈلگىن ئۇنۋېرسال تورى  皖ICP备11022839号-1    پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: boranqush@126.com
    يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
    تور بېتىمىزنى ئۇلانمغا قىلىڭ. بېكەت تۇغى: