ئوقۇش مۇكاپات پۇلى - ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىقتىسادىي مەنبەدىن ئىبارەت.
ئىستودېنتلىرىمىزغا مەلۈم، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوخشىمىغان تۈرلەردە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئادەتتە 1-، 2 -، 3 - دەرىجىلەرگە بۆلىنىدۇ. 1-دەرىجىلىك مۇكاپات تەخمىنەن 2000 يۈەندىن 3000يۈەنگىچە، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات تەخمىنەن 1000يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات 1000يۈەندىن تۆۋەن بولىدۇ.
ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىنىڭ قىممىتى ۋە تۈرلىرىمۇ يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا بۇ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، %30 ئوقۇغۇچى بۇ خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تىرىشچانلىققا تايىنىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبە ھېسابلىنىدۇ.
يەنە بىر كەسىپ بولسا، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بولسا كېرەك. ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى- ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئەمەلىي تەجرىبە، ھەقىقىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى كەمچىل. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەقەتلا ئۆزلىرى قول پىششىق بىلىدىغان ساھەنى ئىزدەپ تاپقاندىلا ئاندىن پۇل تاپالايدۇ. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىپ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىشى ئۇلار ئەڭ پىششىق بىلىدىغان ھەمدە قىلىشقا ماھىر بولغان كەسپىتۇر. شۇڭا، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش يولى ھېسابلىنىدۇ.
ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى خۇددىي ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ھەم سائىتىگە پالان پۇلدىن ھېسابلىسىمۇ، ئاز كىرىم ئەمەستە ئۇ.
دېمەك، بۇمۇ ئىستودېنتلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئەمەلىيەتچىل كەسىپتىن ئىبارەت.
تۆۋەندىكى كەسىپمۇ ئىستودېنتلىرىمىزنىڭ ئىشلىشىگە ماس كېلىدۇ. يەنى قوشۇمچە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش- مانا بۇ ئەڭ ئېتىبارلىق خىزمەت شەكلىدۇر.
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئوخشىمايدۇ. ئىستودېنتلار ئادەتتە شەخسىيلەر ئاچقان مەكتەپ ۋە جەمىيەتتىكى ھەر خىل تەربىيىلەش مەكتەپلىرىگە بېرىپ دەرس ئۆتىدۇ.
ئۇلارنىڭ بىر قەدەر ئاسان تاپالايدىغىنى ئاساسلىقى ئىنگىلىز تىلى، كومپيۇتېر ۋە قانۇن قاتارلىق كەسىپلەردىن دەرس ئۆتۈش بولۇپ، بۇلار ئەڭ ئومۇملاشقان كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاساس قىلىنغان. بۇ ئىش كەسپىي ئىقتىدارى يۇقىرى، دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.
ماقالە يېزىشمۇ- ياشلار ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن.
بىر قىسىم قەلەم كۈچى كۈچلۈك، تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى ياخشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گېزىت - ژورناللاردا، ھەتتا تور بېكەتلەردە ماقالە ئېلان قىلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، تېز سۈرئەتتە نام چىقارغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، قەلەم ھەققىمۇ بىر قەدەر ياخشى. ھازىر ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئەسەر ئېلان قىلسا، تۇرمۇش پۇلى ئەسەرنىڭ قەلەم ھەققىي بىلەن ھەل بولدى، دېگەن گەپ. شۇڭلاشقا بىر قىسىم ئىستودېنتلار ماقالە يېزىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالايدۇ.
تەرجىمانلىق -ئەڭ ئېتىبارلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى.
شىركەتلەرگە چەت ئەل تىلى ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىش- چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتى ياكى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كىرىم قىلىش يولى ھېسابلىنىدۇ. تەرجىمانلىق قىلىشتا تۆۋەن مائاش ئالىدىغان ئىشمۇ، يۇقىرى مائاش ئالىدىغان ئىشمۇ بار.
ئاڭلىسام، ئادەتتە ئاغزاكى تەرجىمانلىقنىڭ ئىش ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى، يېزىقچە تەرجىمانلىقنىڭ ئىش ھەققى بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپىي بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن، ئۇچرايدىغان چەكلىمىسىمۇ بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ. شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ خىل كەسىپتىن ئىش باشلىسا بولىدۇ، دېيەلمەيمىز. بۇ پەقەت ئىقتىدارغا باغلىق ئىش.
ئاخشام تېخى ياتىقىمىزغا بىر ئوقۇغۇچى ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنى ساتىمەن دەپ ئېلىپ كىرىپتىكەن. قىزىقىپ سېتىۋالغان ئىدۇق.
دېمەك، مال ساتقۇچى بولۇش- باي بولۇشقا جەڭ ئېلان قىلىشتۇر. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوشۇمچە قىلىدىغان خىزمەت دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ، بەزىلىرى شىركەتلەردە قوشۇمچە خىزمەت قىلىدىغان ياللانما خادىم بولۇپ ئىشلەيدۇ. يەنە بەزىلىرى مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى قوشۇمچە خىزمەت قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە مال سېتىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.
مال سېتىش بولسا بىر خىل نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىدىغان ۋە باي بولۇشقا جەڭ ئېلان قىلىدىغان خىزمەت دېيىشكە بولىدۇ. غەلىبە قازىنىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ.
توردا دۇكان ئېچىش- ئەڭ مودا بولۇۋاتقان پۇل تېپىش ئۇسۇلى.
نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى. مېنىڭچە، توردا دۇكان ئېچىپ ھەر كۈنى1-3 سائەتكىچە ۋاقىت چىقىرىپ، تەشۋىق قىلىش ۋە زاكاز قىلىدىغان خېرىدار ئىزدەش ئارقىلىق، ئىنتايىن ياخشى تىجارەت قىلغىلى بولىدۇ.
بىراق مال مەنبەسى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ، چوقۇم ياخشى مەھسۇلاتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇش كېرەك. ئەگەر مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تىرىشچانلىق بىلەن نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتەلىسىڭىز، بۇمۇ ئىستودېنتلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كەسىپ ھېسابلىنىدۇ.
دېمەك، دوستلار يۇقۇرىدىكى تەۋسىيىلىرىمىز سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە، سىزگە ئېقتىساد ھازىرلاپ بېرىدىغان ماس كەسىپلەردۇر.
|