ئۆزىگە ئىشىنىش- مەنمەنلىك ئەمەس. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم يېڭى-يېڭى ساھەلەردە قابىلىيىتىنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىستىداتىنى تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئاسان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم تېخىمۇ خۇشال ياشايدۇ. چۈنكى، ئۇلار دائىم مەغلۇبىيەتتىن ئەنسىرەپ يۈرمەيدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپەقىيەتتۇر دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، ئۆزىنى بىلمىگەن ھالدا ئۆزىگە ئىشىنىش مەنمەنىلىكتۇر. بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويۇش كېلىپ چىقىدۇ.
دېمەك، ئەڭ ياخشى ئۆزىگە ئىشىنىش ئۆزىنى بىلگەن ھالدا بولىدۇ. يەنى ئۆزىنىڭ نېمىنى قىلالايدىغان ۋە نېمىنى قىلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. ئۆزىنى بىلىدىغان ئادەم ئۆزىگە ئىشەنگەندە، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى: ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرمەڭ. ئۆزىڭىزنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇڭ. ئۆزىگە ئىشىنىشتە مۇھىمى-ئۆزى. ئەگەر سىز دائىم مەن قىلالمايمەن دەپ قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشكە ئامالسىز قالىسىز. ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ سىرى ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى بارلىقىغا ئىشىنىش، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ ھەمدە مۇھىم دەپ قاراشقا ۋە جارىي قىلدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.
مىكرو سوفت ئاسىيا قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ خۇڭ جياڭ مۇنداق دىگەن: «كىچىكىمدىن باشلاپ مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭگە ئىشەن، دەيتتىم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا باشقىلارغا يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۆزۈمگە باشقىلاردىن ياخشى قىلالايمەن دەيتتىم.» يەنە مىكرو سوفت ئاسىيا قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچىسى جۇمىڭ كىچىك ۋاقتىدا «ئوقۇغۇچىلار ئەمگىكى» پائالىيىتىدە 108دانە بوتۇلكىنى چوتكىلاپ، يېڭى رېكورت يارىتىدۇ ھەمدە شۇ سەۋەبلىك ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ: «ئەسلىدە مېنىڭ ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئىشەنچىم يوق ئىدى. لېكىن، شۇ ئىش ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى. بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق سەرگۈزەشتەم، ئادەمنى مەستخۇش قىلىدىغان سېھرى كۈچ ھاسىل قىلىپ، تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. تالانت ئېگىسىنىڭ بىردىنبىر، بارلىق مەخپىيىتىنى بايقاپ چىقتىم، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرمەڭ» دەيدۇ.
دېمەك، ئۆزىگە ئىشىنىش بىر خىل يۈكسەك تۇيغۇ. ئۇنى كىتاب يادلىغانغا ئوخشاش ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى شۇكى، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق مېڭىڭىزنى مەشىق قىلدۇرۇش. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى مەدەتچىسى بولىشىڭىز كېرەك. ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن مۇنۇلارنى ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ: بۈگۈن سىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان قانداق ئىشلار يۈز بەردى؟ سىز ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتىڭىزمۇ؟ سىز باشقىلارغا ياردەم قىلدىڭىزمۇ؟ بىرەر ئىش ئويلىغىنىڭىزدىن ئېشىپ كەتتىمۇ؟ بىرەرسى سىزنى ماختىدىمۇ - يوق؟
بىر داڭلىق تېرىنېر ھەر قېتىملىق توپ مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن، توپچىلارنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مەمنۇن قىلىدىغان بىر قېتىملىق توپ مۇسابىقىسىنى ئەسلەشكە بۇيرۇيدىكەن. ئۇ ھەتتا توپچىلارنى ئۆزىنى ئەڭ مەپتۇن قىلغان ئاشۇ مۇسابىقىنى ئەسلەش بىلەن بىللە يەنە بىر ھەرىكەت مەسىلەن: «مۇشتۇمىنى چىڭ تۇگۈش»نى قوشۇپ ئىشلەشكە بۇيرۇيدىكەن. بۇنداق بولغاندا توپچىلار ھەر قېتىم ئاشۇ ھەرىكەتنى ئىشلىگەندە ئۆزلىكىدىن ئۆزىنى پەخىرلەندۈرىدىغان ئىشنى ئويلايدىكەن - دە، شۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدىن ئىلگىرى چوڭ مېڭىسىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىدىكەن. شۇڭا، ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى مەدەتچىسى بولۇشىمىز ھەمدە ئۆزىمىزگە مەدەت بېرەلەيدىغان دوستلار بىلەن كۆپلەپ تونۇشۇپ، ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ تۇرىشىمىز. ھەرگىز ئۆزىمىزنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىمىز لازىم.
ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئىككىنچى قەدىمى: مۇۋەپپەقىيەتتىن ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈڭ، مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىڭىزگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈڭ. ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا سىز دائىم يەنە بىر قېتىم ئۆز- ئۆزىڭىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىسىز.
بەلكىم سىز بەزىدە مەلۈم بىر ئىشنى قىلىپ باقمىغانلىقتىن، ئۆزىڭىزنىڭ قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا ئىرادىدىن باشقا سىز يەنە جۈرئەتكە مۇھتاج بولىسىز. يېڭىچە ئىشلارنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىش بىلەن بىللە، مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشكىمۇ جۈرئىتىڭىز بولىشى كېرەك. ئەمما، پاراسەتسىز جاسارەتكە تايىنىپ، مەغلۇب بولىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق لازىم. لېكىن، مەغلۇبىيەتتىن قورۇققاندا تۆۋەندىكىلەرنى ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ: «مەن نېمىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقىمەن؟ ئەڭ يامان ئاقىۋەت نېمە؟ مەن قوبۇل قىلالايمەنمۇ؟».
مەغلۇبىيەتتىن قورقماڭ. پەقەت كۈچىڭىزنىڭ بارىچە تىرىشىپ، ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلالىسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ جۈرئىتىدىن پەخىرلەنسىڭىز بولىدۇ.
ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ۋە ئۆزىنى بىلىدىغان ئادەم ناۋادا غەيرەتلىك ھالدا يېڭى ئىشلارنى سىناپ بېقىپ، ئۇنى ياخشى قىلالىسا، ئۇ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتتىن ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئېرىشەلەيدۇ، مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرەلەيدۇ.
ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ ئۈچىنچى قەدىمى: ئۆزىڭىزنى تونۇپ كونكېرت نىشانلارنى بېكىتىپ، باشقىلارنىڭ باھاسىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاڭ. ئۆزىگە ئىشىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان نىشانلارنى بېكىتىپ، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەش كېرەك.
ئۆزىگە ئىشىنىش ھەرگىزمۇ كاجلىق قىلىش، ئۆزىنى خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە يول قويماسلىق ياكى ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى مەركەز قىلىۋېلىپ، ئوبيېكتىپ مەيداننى يوقىتىپ قويۇش ئەمەس. ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋالغان ھالدا ئۆزىگە ئىشىنىش ياكى ئۆزىنى بىلمىگەن ھالدا ئۆزىگە ئىشىنىش ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكتىنمۇ خەتەرلىك. شۇڭلاشقا ئۆزىنى بىلىدىغان ئادەم ئۆزىنى ئادىللىق بىلەن باھالاپلا قالماستىن، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە تەنقىدىي پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ. گەرچە بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى بىلىش ئېڭى خېلى يۇقىرى بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ كۆزىدىكى ئۆزىنى تېخىمۇ مۇھىم بىلىدۇ. دېمىسىمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىدىكى ئۆزىمىز- ھەقىقىي ئۆزىمىزدۇر.
سەمىمىيلىك بىلەن قايتۇرۇلغان ئىنكاسكا، بولۇپمۇ تەنقىدىي ئىنكاسقا ئېرىشىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى سىزنىڭ غەيرەتلىك، سەمىمىي بىر قانچە سىرداش دوستىڭىز بولسۇن. بۇنداق دوستلار ئايرىم ھالدا سىزگە كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتىشنى خالايدۇ، ئەلۋەتتە.
سىز تەنقىدىي ئىنكاسقا نىسبەتەن نارازى بولسىڭىز بولمايدۇ. بولمىسا كېيىن باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمايسىز. ئەگەر نۇرغۇن ئادەملەر سىزنى مەلۈم بىر جەھەتتە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ قارىسا، ئۇنداقتا بۇ خىل كۆز قاراش ئۆزىڭىزنىڭ ياكى خوجايىنىڭىزنىڭ كۆز قارىشىدىن بەكرەك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە.
ئۆزىنى بىلىدىغان ئادەم ئەمەلىي نىشانلارنى بېكىتىپ چىقالايدۇ، ئوبيېكتىپ ھالدا ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرىدۇ ھەمدە باشقىلارنى ئۆزىگە ياردەم قىلىپ باھا بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ مەنمەنچىلىككە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
|