بىر ئوتۇنچى تاغدا بىر پەيلاسوپقا ئۇچراپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن:
- تەۋەككۈلچىلىك دېگەن نېمە؟ قاراملىقچۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
پەيلاسوپ بىردەم ئويلىنىۋېلىپ، ئورمانلىقتىكى بىر ئۆڭكۈرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئۆڭكۈردە بىر سېۋەت ئۈنچە- مەرۋايىت بار دەيلى، سەن ئۇلارغا ئېرىشمەكچى. ئەگەردە بۇ ئۆڭكۈر بۆرە ئۇۋىسى بولۇپ قالسا، سېنىڭ قىلغىنىڭ تەۋەككۈلچىلىك بولىدۇ. ئۇ يولۋاس ئۇۋىسى بولۇپ قالسا، قاراملىققا ياتىدۇ.
ئوتۇنچى گاڭگىرىغاندەك قاراپ قاپتۇ. پەيلاسوپ ئۇلاپلا مۇنداق دەپتۇ:
- ئەگەر ئۆڭكۈردىكىسى بىر سېۋەت ئۈنچە- مەرۋايىت ئەمەس، بىر سېۋەت شاخ- شۇمبا بولسا، ئۇ يەر ئىت ئۇۋىسى بولغان تەقدىردىمۇ، سېنىڭ كىرمەكچى بولۇشۇڭ قاراملىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە.
▲ بۇ ھېكايىدىن كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى، تەۋەككۈلچىلىك مەلۈم خەتەرنى يېڭىش ئارقىلىق، مەلۈم قىممەتكە ئىگە نەرسىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. قاراملىق بولسا خەتەر ئارقىلىقمۇ ئېرىشكىلى بولمايدىغان، ئېرىشكەندىمۇ ئەرزىمەس نەرسىگە ئېرىشىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بىر تەۋەككۈلچى. ئۇلار ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى خەتەرگە ئۇرۇشتىن قورقۇپ قالمايدۇ. ئۇلار خەۋپ- خەتەرسىز ئۇتۇقنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىشىدۇ. ئۇلار ئوبيېكتىپ رىئاللىقنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى كۈچىنى ئوبدان ئانالىز قىلىپ، تەۋەككۈلچىلىك ئارقىلىق، ئۆزى ئېرىشىدىغان نەرسىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشىشكە كۆزى يېتىدىغان- يەتمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بولۇپ، ئاندىن ھەرىكەتلىنىدۇ، قول سالىدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەرگۈچىلەر ئەمەس.
بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق بىر ھېكايەتنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. شىر ئىنتايىن ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئىڭراپ يېتىپ قاپتۇ. يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن ھايۋانات بۇنى ئاڭلاپ، ئۆڭكۈرگە كىرىپ ئوۋ ئىزدەپ بېقىپتۇ. تۈلكە ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، شىرنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەكلا قورقۇپ كېتىپتۇ. ئۇ شىرنى ئۆلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىدىكى ئىزلارنى بىرمۇ بىر كۆزىتىپ چىقىپ توختاپ قاپتۇ.
ئۆڭكۈردىكى شىر تاقەت قىلالماي ئاخىرى توختاپ قاپتۇ:
- تۈلكىجان ئەجەپ كىرمەي توختاپ قالدىڭا؟!
- قاراپ باقسام كىرگەنلا ئىز بار، چىققان ئىز يوق. شىر ئاكا، ئەھۋال شۇ تۇرسا قانداقمۇ كىرەلەي؟- دەپتۇ تۈلكە.
دېمەك، جەمىيەتتىكى رىقابەتتىمۇ مانا مۇشۇنداق سەگەك، تۇيغۇق بولالىسىڭىز، تۇمشۇقىڭىزغا يېمەيسىز.
ھەر قانداق ئىشنى باشلاش ئوڭاي، ئاخىرىنى يۇغۇرىۋېلىش تەس. ئۆز كۈچىڭىز ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى مۆلچەرلىمەيلا شىلتىڭ ئېتىش، سىزنى ئوڭايلا پاتقاققا پاتۇرۇپ قويىدۇ. تەۋەككۈلچى بولۇڭ. ئەمما ئاپەت، ئوڭۇشسىزلىق، بالا- قازانى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى قارىغۇلارچە ئۇرۇپ، بۇرنىڭىزنى قانىتىپ، روھىي زەربىگە ئۇچراپ يۈرىدىغان ئەخمەق قاراملاردىن بولۇپ قالماڭ.
|