ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىلىم بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى http://www.kulgin.com تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى. بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.
بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.

خەت نومۇرى:چوڭ | ئوتتۇرھال | كىچىك

يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى



 

▲بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 55 ناھىيە، شەھەر ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بەرگەن قەرز پۇلدىن  پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي ئورمان ۋە ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىش، مېۋە-چىۋە ساقلاش ئىسكىلاتى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇش، يېڭىدىن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى ئېكولوگىيىلىك ساياھىتى ئۇل  ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بەرگەن 33 مىليون 330 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇلى، دۇنيا مۇھىت فوندى بەرگەن 1 مىليون 700مىڭ 100 يۈەن ئامېرىكا دوللىرىدىن پايدىلىنىپ، 5 مىڭ 355 گېكتار ئىقتىسادىي ئورمان، 1مىڭ 65 گېكتار ئېكولوگىيە ئورمىنى، 30 گېكتار ماتېرىيال قىلىنىدىغان ئورمان بەرپا قىلىدۇ، قۇرۇلۇش 5 يىل ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تۈر رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلىنىپ، تۈر رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسى ياخشىلىنىپ، تۈر رايونىدىكى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 

▲يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىشلىرى ئىجتىمائى قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى تارقىتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون 2012- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تارقىتىلىدىغان ئىجتىمائى قۇتقۇزۇش سوممىسىنى نەق پۇل شەكلىدە تارقىتىپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قېيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسى تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 2012- يىلى چاغان مەزگىلىدە، شەھەر، يېزىلاردىكى قېيىنچىلىقى بار ئاممىغا بايراملىق تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىشنى قارار قىلغان. تولۇقلىما ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىش ئۆلچىمى يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەمدە بەشتە كاپالەت ئوبيېكتىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە 200 يۈەن تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

▲ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە جانىجان مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 2012- يىلى 6 تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە داۋاملىق تىرىشىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز گۈرۈچ، كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كالا، قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللايدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆكتات ۋە كالا، قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. كېلەر يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق، ياغ قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ئاساسلىق مۇھىم ماددى ئەشيا  ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.

▲ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق سۇ قۇيۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىن ئېكولوگىيىسىنىڭ«سۇسىز قېلىش» ئەھۋالى تۈپتىن ياخشىلىنىپ، كۆپ قېتىم قۇرۇپ كەتكەن تېتىما كۆلىنىڭ سۇ يۈزى شۇ سەۋەبلىك كېڭىيىپ، 340 كۇۋادرات مېتىرغا يەتكەن. بۇ يىل 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز تارىم دەرياسىغا 12-قېتىم  تۆۋەنكى ئېقىم ئېكولوگىيىلىك سۈيى قويۇپ بەرگەن.

▲بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقان جۇڭغار بايقال لېئوتسسكۇس بېلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، ئېلىمىز ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېبنۇر كۆلىدە نەسىل بايلىقىنى قوغداش رايونى تەسىس قىلىپ، بۇ قىممەتلىك يەرلىك بېلىق تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىدىغان يېرىنى قايتا قۇرۇپ، بۇنىڭ نەسىل توپىنى پەيدىنپەي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە قۇرۇلىۋاتقان« ئېبنۇر كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە بېلىق تۈرلىرى سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەسىل بايلىقىنى قوغداش رايونى» 2012- يىلنىڭ بېشىدا پۈتىدىكەن. نۆۋەتتە نۇقتىلىق دەريا يوللىرى ۋە سۇ رايونىنى قوغداش بەلگىسى سېلىنىپ، قوغداش رايوننىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.      

▲بېييۈەنچۈن ۋە لىڭچىڭ بازىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان، پارچە قاچىلانغان پۇرچاق يېغىنىڭ باھاسى چۈشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تاللا بازارلىرى بىرنى سېتىۋالسا بىرنى قوشۇپ بېرىش ۋە باھادا ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق پۇرچاق يېغى، تەڭشەلگەن ياغنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئىككى خىل سۇ يېغىنىڭ بىر باكىنىڭ باھاسىغا ئىلگىرىكىدىن 2-3 يۈەن ئېتىبار باھادا سېتىپ بەرگەن. لېكىن نۆۋەتتە،خۇاسېڭ يېغى، قىچا يېغى، گازىر يېغى قاتارلىق سۇ يېغىنىڭ باھاسىدا ئۆزگىرىش بولمىغان.

▲بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا«بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تارىم قۇملۇق ئېكولوگىيىسى ۋە ئالاھىدە ساياھەت ئومۇمىي پىلانى» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردىن كەلگەن 9 مۇتەخەسسىس ۋە رەھبەرنىڭ باھالاپ بېكىتشىدىن ئۆتكەن.

▲يېقىندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا چىلاننىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسىنىڭ ئۆرلەش تەسىرىدە، ئۈرۈمچىدە چىلاننىڭ پارچە سېتىش باھاسىمۇ ئۆرلىدى. يېقىندا ئۈرۈمچى قىزىلتاغ يولى بازىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چاقىلىق چىلىنىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 35 يۈەن ۋە 40 يۈەنگىچە ئۆرلىگەن. خوتەن چىلىنىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ 65 يۈەنگە چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 10- ئايدىن 11- ئايغىچە، قۇمۇل ۋە چاقىلىق قاتارلىق جايلارنىڭ چىلانلىرى بالدۇر بازارغا سېلىنغانلىقتىن چىلان كارخانىلىرى بىلەن چىلان سودىگەرلىرى تالىشىپ قالغاچقا، باھاسى ئۆرلەپ، ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 10 يۈەندىن كۆپرەك ئۆرلىگەن. بۇنىڭ  ئىچىدە، قۇمۇلنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك چىلىنىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 150 يۈەندىن كۆپرەككە، چاقىلىقنىڭ 1- دەرىجىلىك چىلىنىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 60 يۈەندىن كۆپرەككە يەتكەن. ھازىرغىچە سېتىش بىر قەدەر قىيىن بولغان ئاقسۇ ۋە ئارالنىڭ چىلانلىرىمۇ سېتىلىپ تۈگىگەن. خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى چىلان كۆچىتى ئۆستۈرگەن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ چىلان كۆپ قالمىغان. قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى چىلان كۆچىتى ئۆستۈرگەن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە بېسىلىپ قالغان چىلانلارمۇ سېتىلىپ تۈگىگەن.

▲يېقىندا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى«12-بەشيىللىق پىلان»مەزگىلىدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى-مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ«12-بەشيىللىق پىلان»مەزگىلىدىكى ئومۇمىي پىلانىنى ئېلان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتا دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت ۋە ئېھتىياجنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، «12-بەشيىللىق پىلان»مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئېنىق بېكىتىپ، كەلگۈسى 5 يىلدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېتەكچى پىكىر بىلەن تەمىنلىدى.

 


يوللىغۇچى: كۈلگىن تورى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

مەنبە: www.kulgin.com

(ماقالە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ. ئۇلارمۇ خەۋەردار بولسۇن)

ئالدىنقى خەۋەر: بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
كىيىنكى خەۋەر: قاتناش ۋەقەسى چىقىرىپ ئايالىغا ئارتىپ قويغان جىنەنلىك شوپۇر
  • سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ئىراننىڭ ھەربىي مانۋېر رايونىدا پەيدا بولدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە «سېرىق، يېشىل رەڭدىكى مۇھىت ئاسراش بەلگىلىرى» نى تارقىتىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
  • بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئون خىل ھاۋارايى ھادىسىسى
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
  • فىلىپپىندىكى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
  • بېيجىڭ شەھىرى 115 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سىمسىز يەتكۈزۈش ۋە قاپلاش قۇرۇلۇشى پۈتتى
  • تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش
  • رۇسىيە ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى
  • گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر تۈرمىسىدە قاماقتىكى ئادەم ئۆلۈپ قالدى
  • يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى
  • غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى سۇپىسى قاراماي شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى.
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • بېيتۈن شەھىرىگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى
  • دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي ئورمانلىقلارنى 2- باسقۇچلۇق قوغداش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى
  • {:Mazmun200:}

    جەمئى6 بەت | نۆۋەتتىكىسى 1– بەت| بىرىنجى بەت| ئالدىنقى بەت| كىيىنكى بەت| ئاخىرقى بەت

    باھالار

    باھا يوللانمىغان!!!

    باھا سۆزى يېزىش

    كۈلگىن ئۇنۋېرسال تورى  皖ICP备11022839号-1    پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: boranqush@126.com
    يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
    تور بېتىمىزنى ئۇلانمغا قىلىڭ. بېكەت تۇغى: