بېيجىڭ شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىلەشتۈرۈپ، «تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش» شەكلىنى قوللىنىپ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك كەسپىدىكى داڭلىق ماركىنىڭ بېيجىڭ بازارلىرىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى. يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى بېيجىڭنىڭ گەنجياكو سودا سارىيىدا، «تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كارخانىلار ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكانلىرىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، شىنجانىڭ «سادىق» ناملىق داڭلىق ماركىسىنىڭ بۇ بازارغا كىرىشىنى قوللىدى.
بېيجىڭ سادىق سودا مەركىزى-- بېيجىڭدا تىزىمغا ئالدۇرلغان شىنجاڭنىڭ داڭلىق كارخانىسى بولۇپ، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇشنىڭ فۇنكىسيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، « تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش » شەكلىدە «سادىق» ناملىق داڭلىق ماركىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا كۈچلۈك مەدەت بەردى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك سودا -سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەخسۇس « سادىق » تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش سودا مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا، بېيجىڭ شەھىرىدىكى گەنجياكو سودا سارىيى، زامانىۋى سودا شەھەرچىسى، شەھەر - يېزا سودا مەركىزى، بېيجىڭ جىڭدوڭ سودا شەھەرچىسى ۋە كەررىفور قاتارلىق 8 چوڭ سودا-ساراي، تاللا بازىرى « بېيجىڭ سادىق سودا مەركىزى» بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالاپ، « سادىق » ماركىلىق تاۋارلارنىڭ سودا ساراي، تاللا بازارلىرى ۋە مەھەللىلەردە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ۋە داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە تىجارەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى بېيجىڭدىكى داڭلىق تاۋار ماركىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ياردەم بىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
بېيجىڭ شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، بېيجىڭ گەنجياكو سودا سارىيى ئالدى بىلەن « بېيجىڭ سادىق سودا مەركىزى » ئۈچۈن «تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش دۇكىنى قۇرۇپ بەردى. يېقىندا «سادىق» ناملىق داڭلىق ماركا بۇ سودا ساراينىڭ تاللا بازىرىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
|