|
مۇبارەك بۈگۈن يەنە بىر قېتىم سوتلىنىدىكەن
|
|
|
@ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك بۈگۈن يەنە بىر قېتىم سوتلىنىدىكەن. بۇ يىل 8-ئايدىن بۇيان، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، بىر قانچە قېتىم نوسۇلكا بىلەن سوت مەيدانىدىكى زور تۆمۈر قەپەسكە ئېلىپ كېلىنىپ، 2 ئوغلى بىلەن بىللە سوراق قوبۇل قىلغانىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىسىرنىڭ بىر نارازىلىق ئەرزى سوتى مۇبارەكنىڭ دېلوسىغا مەسئۇل سودىيەنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى رەت قىلىپ، مۇبارەكنى داۋاملىق سوتلاشنى تەستىقلىغان. @ بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مۇبارەك دېلوسىدىكى دەۋاگەرلەر قاھىرە جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش سودىيەسى ئەھمەد رىفاتنى «دېلو سوتلىغاندا مەيدانىدا ئېغىش بار» دەپ ئەيىبلەپ، ئادۋوكات ئارقىلىق نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، سوت مەھكىمىسىدىن باش سودىيەنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. دەۋاگەرلەرنىڭ رىفاتنى ئەيىبلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ مىسىر قوراللىق قىسىم ئالىي كومىتېتىنىڭ رەھبىرى تانتاۋىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا مۇبارەك دېلوسى توغرىسىدا بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدىن كېسىشتۈرۈپ سوئال سوراشقا رۇخسەت قىلمىغان. تانتاۋى دەسلىپىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، بۇ يىل 2-ئايدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش يۈز بەرگەندە، ئارمىيەنىڭ مۇبارەكنىڭ قولىدا قورال بولمىغان نامايىشچىلارغا ئوت ئېچىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. لېكىن ئۇ كېيىن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، مۇبارەكنىڭ ئارمىيەگە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان نامايىشچىلارغا ئوت ئېچىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېيتقاچقا، دەۋاگەرلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. @ بۇ يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇبارەك 2 ئوغلى بىلەن قاھىرەدە تۇنجى قېتىم سوراق قوبۇل قىلغان. ئۇ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، چىرىكلىشىش ۋە نامايىشچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. مۇبارەكنىڭ يۇقىرىقى جىنايەتلىرى بېكىتىپلا قالسا، ئەڭ ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىمۇ شۇ خىلدىكى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. لېكىن مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان. بۇ دېلو پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغانلىقتىن، تۇنجى قېتىم سوراق نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىلگەن، سوت مەيدانىنىڭ تەرتىپى ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ، سودىيە رىفات كېيىن قايتا سوراق قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ھەم كېيىنكى قېتىملىق سوراقلارنىڭ يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. @ سىرتتىكىلەر سوراقنىڭ كونكېرت ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالمىغان، بۇ جەرياننىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 3 ئاي بولغان. بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، دەۋاگەرلەر ئادۋوكاتلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئادۋوكاتلار 1 مىڭ 600دىن ئارتۇق گۇۋاھچىنى چاقىرتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ زىيادە ئۇزۇن گۇۋاھچىلار تىزىملىكى سوراقنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىۋېتىدىغان بولغانلىقتىن، سوت مەھكىمىسى گۇۋاھچىلار تىزىملىكىنى قىسقارتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۈگۈنكى سوراق ئۈچۈن 5 مىڭدىن ئارتۇق خەۋپسىزلىك خادىمى ئاجرىتىپ، سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تەرتىپ ساقلاپ، ئامانلىققا كېپىللىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
|
|
يوللىغۇچى:
كۈلگىن تورى |
يوللانغان ۋاقتى:
2011-12-28
|
مەنبە: www.kulgin.com |
|
|
|
|
|
ئالدىنقى خەۋەر:
بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر |
|
كىيىنكى خەۋەر:
ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ئىراننىڭ ھەربىي مانۋېر رايونىدا پەيدا بولدى |
|