ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان بېيتۈن شەھىرىگە بۈگۈن (12.28) رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ شەھەرلىشىش مۇساپىسىكە قاراپ يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چې جۈن، شاۋكەت ئىمىن، ليۇ شىنچى، جاپپار ھەبىبۇللا، مەھمۇت قۇربان، قانىبات سابۇكەي قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ رەھبەرلىرى يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بېيتۇن ئالتاي ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەسلى ئىسىمى دۆربىلجىن. بېيتۇن ئىلگىرى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان. بېيتۇن قاناس كۆلى مەنزىرىلىك رايونىغا قوشنا بولۇپ، ئىرتىش دەرياسى، ئۈلۈڭگۈر دەرياسىدىن ئىبارەت 2 دەريانىڭ سۈيى بۇ جاينى كىسىپ ئۆتىدۇ. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققى تاپقان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى قازاقىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تاشقى ئالاقە ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. گېنېرال جاڭ جوڭخەن ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ جاينى يېزا ئىگىلىك 10 - دىۋىزىيىسىنىڭ باش شتابىي تۇرۇشلۇق جاي قىلىپ تاللاپ، نامىنى بېيتۇن دەپ قويغان. 1959-يىلىدىن ئېتىبارەن، يېزا ئىگىلىك 10 - دىۋىزىيىسىنىڭ ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشچى - خىزمەتچىلىرى گىيا ئۈنمەيدىغان چۆللۈكتە بوز يەر ئېچىپ چېگرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ باردى. 1997 - يىلى مەركەز بېيتۇننى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ 14 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسدا، بېيتۇن شەھەر - بازار كۆلىمىگە دەسلەپكە قەدەمدە ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر قۇرۇپ چىقىش شارائىتىنى ھازىرلىدى.
بېيتۇن شەھىرى ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، بىڭتۈەن دىۋىزىيىسى بىلەن شەھەرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە باشقۇرىلىدۇ. مەمۇرى رايونلىرى ھازىرقى بېيتۇن رايونى ئاساس قىلىنىپ، 183-، 187-، 188 -تۈەندىن ئىبارەت 3 تۈەن - مەيداننىڭ يەرلىرى بېيتۇن شەھىرىنىڭ مەمۇرى رايون دائىرىسى قىلىش بېكىتىلدى. بېيتۈن شەھىرىنىڭ كۆلىمى 910.5 كۋادرات كىلومېتىرغا، ئومۇمىي نوپۇسى 76 مىڭ 300 گە يېتىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشچە، بېيتۇن شەھەر بولۇپ قۇرۇلغاندىن كىيىن، ماددىي ئوبوروت توپلىنىدىغان ۋە تارقىلىدىغان قاتناش تۈگۈنى، تاغ سۇلىرى ئادەمگە ياقىدىغان ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم بازار بولغان شەھەر ئورنىنى بىكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق، جۇغراپىيىلىك ئۈستۈنلىكىگە تايىنىپ، شەھەرنىڭ مۇئەسەسسەلىرىنى تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈستۈنلىككە ئىگە كەسپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇل مۇئەسەسسە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تۇتىشىدىغان مۇھىم ماددىي ئوبوروت توپلىنىدىغان ۋە تارقىلىدىغان مەركەز ۋە ئېكىسپورت تاۋارلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش رايونىنى قۇرۇپ چىقىشقا تۇتۇش قىلىپ، رايون ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
|