غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى سۇپىسى بۈگۈن (12.28) چۈشتىن كېيىن قاراماي شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن قاراماي شەھىرى مول شەھەر تۇرمۇشى ئۇچۇرلىرىنى كۆچمە تېلېفون ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى-- سىمسىز تورغا تايىنىپ ئاممىنى ئۇچۇر ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بولۇپ، شەھەردىكى سۇ، توك، گاز، قاتناشتىن كېيىنكى 5 - جامائەت ئۇل مۇئەسسەسەسى ھېسابلىنىدۇ. قاراماي شەھىرىنىڭ سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى سۇپىسى 2 - ئەۋلاد، 3 - ئەۋلاد يان تېلېفون مۇلازىمىتى ۋە WLAN ئارقىلىق پۈتۈن شەھەردىكى ئاساسلىق جامائەت سورۇنلىرىنى قاپلىدى. شەھەر ئاھالىلىرى ھەر قانداق ۋاقىت ھەر جايدا يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق، سىمسىز تور شەھىرى سۇپىسى تەمىن ئەتكەن قاتناش ئۇچۇرلىرى، دورا ماتېرىياللىرىنى سۈرۈشتۈرۈش، مال باھاسىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئەرز - شىكايەت مۇلازىمىتى، جامائەت ئىشلىرى ھەققىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق 40 تىن كۆپرەك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
قاراماي شەھەرلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ليۇ يەن مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر يەرگە چىقىپ كوللېكتىپ تاماق يېمەكچى بولسا، ياكى كەسىپداشلار بىلەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقىپ يىغىلىشقا قاتناشماقچى بولساق، يان تېلېفون، قول تېرمېنالى بىلەن يول ئېغىزلىرىدىكى تەپسىلىي ئەھۋالنى كۆرەلەيدۇ. ۋىدېئولۇق كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق، بىز يەنە يول ئەھۋالىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆرەلەيمىز.»
بۇ يىل 6 - ئايدا، قاراماي شەھىرى «سىمسىز تور شەھىرى» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، لايىھەلەش، سىمسىز تور ئارقىلىق قاپلاش، سۇپا قۇرۇلۇشى، مەزمۇن كىرگۈزۈش، قوللىنىش ۋە سىناپ مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق 6 باسقۇچ ئارقىلىق، 1 ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ھەر قايسى ئۇچۇر - ئالاقە تىجارەت ئورۇنلىرىنى تاللاپ، ئوخشاشمىغان تىپتىكى يان تېلېفون ئىشلىتىۋاتقان 10 مىڭدىن كۆپرەك ئابونىچىلاردا سىناش، قوللىنىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا سىمسىز تور شەھىرى قاراماي سۇپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى.
|