ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىلىم بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى http://www.kulgin.com تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى. بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.
بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.

خەت نومۇرى:چوڭ | ئوتتۇرھال | كىچىك

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر تۈرمىسىدە قاماقتىكى ئادەم ئۆلۈپ قالدى



جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ماۋمىڭدىن كەلگەن تېلېگراممىسى ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دىيەنبەي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 29-چېسلا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ، جوڭشەن ئۇنۋېرسېتىت قانۇن دوختۇرى باھالاش مەركىزى مۇشۇ ناھىيىنىڭ سوراقخانىسىدىكى بىر نەپەر قاماقتىكى خادىم لىيۇۋشۈننىىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە تېببىي ئىلمىي بويىچە باھالاش ئېلىپ بېرىپ ، قاماقتىكى خادىمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى بىلەن جىددىي خاراكتېرلىك قۇرساق پەردە ياللۇغى بولۇپ ،يۇقۇملىنىشچان ، زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك شۈك بولۇپ ئۆلۈپ قالغان دەپ ، مېخانورېتسېپۇر تاشقى كۈچ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ قېلىش ئامىلىنى ساقىت قىلغانلىقىنى ئېيتقان .
ئىگىلىنىشكە ، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ، 48-ياشلىق ماۋمىڭ شەھىرى ماۋنەن رايون خۇاجېن بازىرىدىكى لىيۇۋشۈن ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇپ ساقچىلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ ، دىيەنبەي ناھىيىلىك سولاقخانىدا قامالغان ئىكەن . تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ، لىيۇۋشۈن 1998- يىلىدىن باشلاپ زەھەر چېكىشكە باشلىغان ، 2006-يىلى ماۋنەن ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئالتە ئاي مەجبۇرى زەھەر تاشلىغان ، 2009-يىلى 11-ئايدا يەنە قايتا زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن ماۋنەن ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئىككى يىل مەجبۇرى زەھەر تاشلىغان .
12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندە ، لىيۇۋشۈننىڭ زەھەر خۇمارى تۇتۇپ كېتىپ تامغا ئۆزنى ئۇرۇپ ، ئۆزنى مېيىپ قىلىۋالماق بولغاندا قاماقتا بىرگە تۇرغانلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ، سائەت 7دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ، لىيۇۋشۈن ھەرىكەتكە چىققاندا بوينىنى زەخمىلەندۈرۋېلىپ، تۇرما ساقچىلىرى ۋاقتىدا بايقاپ قېلىپ توسۇۋالغان . چۈشتە سائەت 12دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ، لىيۇۋشۇن تۈرمە ساقچىلىرىغا ئۆزنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ئاغرىپ كەتكەنلىكنى دېگەندىن كىيىن ، ساقچىلار شۇ ھامان ئۇنى دىيەنبەي ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا داۋالاشقا ئاپىرىپ ، شۇ كۈنى سائەت14تىن45 مىنۇت ئۆتكەندە ، لىيۇۋشۈن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن .
لىۇۋشۈۇن ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى ، دىيەنبەي ناھىيىسىدە خىزمەت ئەترىتى قۇرۇلۇپ ، قانۇن بويىچە لىيۇۋشۈننىڭ دېلوسىنى بېجىرگەن ئۇرۇن ، قامالغان ئۆي ، داۋالانغان دوختۇرخانا ، لىيۇۋشۈننىڭ كېسىلى قوزغىلىش جەريانى ۋە داۋالاش ، قۇتقۇزۇش جەريانى، سولاقخانىدىكى تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ھەمدە لىيۇۋشۈننىڭ قاماقتا تۇرغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار خاتىرە ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ ، ساقچىلارنىڭ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، بەدەن جازاسى بېرىش ، خارلاش ياكى شەكلى ئۆزگەرتىلگەن بەدەن جازاسى بېرىدىغان ، خارلايدىغان ئەھۋاللار بايقالمىغان .
12-ئاينىڭ 4-كۈنى ، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن ، دىيەنبەي ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى جۇڭشەن ئۇنۋېرسېتىتى قانۇن دوختۇر باھالاش مەركىزى قانۇن دوختۇرى مۇتەخەسسىسلەر جەسەتنى سىستېمىلىق ئاناتومىيە قىلىپ ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئەكەلدۈرۈپ گىستوپاتولوگىيە ۋە زەھەرلەندۈرۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . باھالاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مېخانورېتسېپۇر تاشقى كۈچ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ قېلىش ئامىلىنى ساقىت قىلغان


يوللىغۇچى: كۈلگىن تورى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-30

مەنبە: news.sina.com.cn

(ماقالە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ. ئۇلارمۇ خەۋەردار بولسۇن)

ئالدىنقى خەۋەر: قاتناش ۋەقەسى چىقىرىپ ئايالىغا ئارتىپ قويغان جىنەنلىك شوپۇر
كىيىنكى خەۋەر: مەزمۇن يوق!
  • بىر گۇرۇپپا ئىقتىسادىي ئۇچۇر
  • تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش
  • گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر تۈرمىسىدە قاماقتىكى ئادەم ئۆلۈپ قالدى
  • يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى
  • جاھان ئەينىكى
  • غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى سۇپىسى قاراماي شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى.
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • بېيتۈن شەھىرىگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى
  • بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • مۇبارەك بۈگۈن يەنە بىر قېتىم سوتلىنىدىكەن
  • قاتناش ۋەقەسى چىقىرىپ ئايالىغا ئارتىپ قويغان جىنەنلىك شوپۇر
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • «ش ئو ئا ر نىڭ ‹12- بەش يىللىق› پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىيات پىلانى» يولغا قويۇلدى
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ئىراننىڭ ھەربىي مانۋېر رايونىدا پەيدا بولدى
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • بالدۇر مۇھەببەتلىشىش
  • فىلىپپىندىكى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
  • بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • {:Mazmun200:}

    جەمئى6 بەت | نۆۋەتتىكىسى 1– بەت| بىرىنجى بەت| ئالدىنقى بەت| كىيىنكى بەت| ئاخىرقى بەت

    باھالار

    باھا يوللانمىغان!!!

    باھا سۆزى يېزىش

    كۈلگىن ئۇنۋېرسال تورى  皖ICP备11022839号-1    پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: boranqush@126.com
    يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
    تور بېتىمىزنى ئۇلانمغا قىلىڭ. بېكەت تۇغى: