ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىلىم بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى http://www.kulgin.com تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى. بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.
بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.

خەت نومۇرى:چوڭ | ئوتتۇرھال | كىچىك

مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە



▲ مۇھەببەت ئۆلمەس تېما، ئۇ ھەممە ئادەم بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان شېرىن ھەم ئازابلىق جەريان. كىشىلەر بۇرۇندىن تارتىپ مۇھەببەتنى كۈيلەپ كەلگەن. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يۈرىكى بىلەن چىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقان. ئەمما، ئاقىۋەتتە ھەقىقىي ۋىسال تاپقانلار يەنىلا ساناقلىقلا بولغان. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، مۇھەببەت ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ يەنە مەڭگۈلۈك تېما سۈپىتىدە قېلىۋېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە كىشى بىر ئۆچمەس ئابىدە قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ.

▲ بەزىلەر مۇھەببەتنى گۈلگە ئوخشىتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇنى قۇياشقا ئوخشىتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئاللىنېمىلەرگە ئوخشىتىدۇ. بەزىلەر تا ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن مەنە ئىزدەپ كەلدى، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ تەبىر بەرمەكچىمۇ بولدى، ئەمما ئۇ يەنىلا سوئال پىتى قىلىۋەردى.

▲ شۇنداق. مۇھەببەت شۇنداق نەرسە. ئۇنىڭ تەبىرى يوق ھەمدە ھېچ ئوخشىشى يوق. ئۇ ھەر ئىككى تەرەپتىن پاك بولۇشىنى، بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى، بىر-بىرى ئۈچۈن ھەقىقىي قۇربانلىق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ساختىپەز، ئالدامچى، نەپسانىيەتتىن ئۆزگىنى ئويلىمايدىغان كىشىلەر مەڭگۈ مۇھەببەت قەسرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدۇ.

▲ نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ھەقىقىي، چىن مۇھەببەت توغرىلىق سۆزلىشىدۇ. ئۆز مۇھەببىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللار ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ. لېكىن ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدىغان ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مۇھەببەتمۇ ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەربىيىلىشىگە موھتاج. مەيلى سىز كىم بولۇڭ، نېمە ئىش قىلىڭ، سىز بىراۋ بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنى ھەر كۈنى تەربىيىلەپ، ئاسراپ تۇرمىسىڭىز، ئۇ باشقا ياقلارغا قېيىپ كېتىشى مۇمكىن.

▲ سىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئېرىشمىكىڭىز تەس ئەمەس، ئەمما شۇ ئېرىشىپ بولغان مۇھەببەتنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭلاشقا، باشقىلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە چىن كۆڭلىگە چاقچاق قىلىدىغان، ھېسسىياتى بىلەن ئوينىشىدىغان ئىشىنى قىلماڭ.

▲ قايسىدۇر بىر يازغۇچى مۇھەببەت توغرىسىدا توختىلىپ: «مۇھەببەت باشقىلارغا ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشتۇر» دېگەنىكەن. بۇنىڭ ئاساسى بار. چۈنكى، مۇھەببەتتە ئازاب بولىدۇ. مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار دەل ئاشۇ خىل شېرىن ئازابنىڭ لەززىتىدىن قەلبى ھېچقاچان ھېچ قىلىپ باقمىغان روھىي تۇيغۇلارغا چۆمۈلىدۇ. ئەمما، بۇ خىل ئازاب سۇسلاشقان ھامان قارشى تەرەپكە بولغان ھېسسىياتتىمۇ سۇسلاش كۆرۈلىدۇ. دېمەك، مۇھەببەت ئازابتىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن، بۇنداق قۇرۇق ئازابلاش ئاخىرى قارشى تەرەپكە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان ئادەمگىمۇ ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

▲ مۇھەببەت گاھى ئادەمنى شاھ قىلسا، گاھى گاداي قىلىدۇ. چىن يۈرىكى بىلەن يول تۇتقانلارغا ۋىسال شەربىتىنى تۇتسا، پەقەت كۆڭۈل ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپلا ساختا ياخشى كۆرىدىغانلارغا بولسا، ۋىجدان سوتى ئارقىلىق، ئېغىر جازا ئارتىدۇ.

▲ مۇھەببەت ئادىل. ئۇ ھەرگىز كور ئەمەس. كور بولغىنى بىزنىڭ كۆزى ئېچىلمىغان سەزگۈمىز ۋە ئەقلىمىز.

 ▲ مۇھەببەت كىشىلەرگە غايەت زور كۈچ ئاتا قىلىدۇ. نەچچە مىڭ لەشكەر ئالالمىغان شەھەرنى پەقەت بىر ئادەمنىڭ مۇھەببىتى ئېلىشقا قادىردۇر، پەقەت شۇ خىل كۈچ مەۋج ئۇرۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، كەڭ كەتكەن بارخانلار يېشىللىققا تولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كۈچ بولمىغان بولسا، ئەينى ۋاقىتتا پەرھاتمۇ تاغنى تېشىپ، سۇ باشلاپ كېلەلمىگەن بولاتتى. يەنە نۇرغۇنلىغان تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان يىگىتلەر شانۇشەۋكەت تاجىغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.

▲ مۇھەببەت پەقەت ئۆزدىنلا ئىبارەت. ئۇ تاۋار شەكلىنى ئالغان ھېسسىيات ئويۇنى ئەمەس. ئۇنى سىز بازاردىن ياكى كوچا-كويلاردىن تېپىۋېلالمايسىز. ئۇنىڭ تەبىرى يوق، سىز ئۇنىڭغا مىڭلاپ تەبىر بەرسىڭىزمۇ، ئۇ يەنە سىزگە تۈمەنلەپ سوئال تاشلاپ تۇرىدۇ. ئۇ پەقەت ھەر ئىككى تەرەپكە شېرىن ئازاب ۋە تەخىرسىز شادلىق ئاتا قىلىدۇ. پەقەت مۇشۇ تۇيغۇلا مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىزگە ھېس قىلدۇرالايدۇ.

▲ ئەگەر سىزدە «مۇھەببەتنى قوغداش» ئەڭگۈشتىرى بولمىسا، ئۇ مىنۇت ئۆتمەي غايىب بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ قوغداشقا، ھەر ۋاقىت تەربىيىلەشكە، ئاسراشقا ۋە سەمىمىيلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج. سىز قارشى تەرەپكە ئازاب ئاتا قىلغان ئىكەنسىز، ئۇنىڭغا شادلىقمۇ بېرىشىڭىز، دەل مۇشۇ داۋالغۇش ئىچىدە مۇھەببەت بايرىقىنى مەڭگۈ لەپىلدىتىشىڭىز كېرەك.


يوللىغۇچى: كۈلگىن تورى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-30

مەنبە: www.kulgin.com

(ماقالە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ. ئۇلارمۇ خەۋەردار بولسۇن)

ئالدىنقى خەۋەر: بالدۇر مۇھەببەتلىشىش
كىيىنكى خەۋەر: مەزمۇن يوق!
  • قاتناش ۋەقەسى چىقىرىپ ئايالىغا ئارتىپ قويغان جىنەنلىك شوپۇر
  • فىلىپپىندىكى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
  • رۇسىيە ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى
  • ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • بالدۇر مۇھەببەتلىشىش
  • جاھان ئەينىكى
  • «ش ئو ئا ر نىڭ ‹12- بەش يىللىق› پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىيات پىلانى» يولغا قويۇلدى
  • كورىيە ئاخبارات ئورگانلىرى بىخەستىلىكى تۈپەيلىدىن ئەيىبلەندى
  • بىر گۇرۇپپا ئىقتىسادىي ئۇچۇر
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە «سېرىق، يېشىل رەڭدىكى مۇھىت ئاسراش بەلگىلىرى» نى تارقىتىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئون خىل ھاۋارايى ھادىسىسى
  • بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • جاھان ئەينىكى
  • مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
  • سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • بېيجىڭ شەھىرى 115 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سىمسىز يەتكۈزۈش ۋە قاپلاش قۇرۇلۇشى پۈتتى
  • تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر تۈرمىسىدە قاماقتىكى ئادەم ئۆلۈپ قالدى
  • {:Mazmun200:}

    جەمئى6 بەت | نۆۋەتتىكىسى 1– بەت| بىرىنجى بەت| ئالدىنقى بەت| كىيىنكى بەت| ئاخىرقى بەت

    باھالار

    باھا يوللانمىغان!!!

    باھا سۆزى يېزىش

    كۈلگىن ئۇنۋېرسال تورى  皖ICP备11022839号-1    پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: boranqush@126.com
    يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
    تور بېتىمىزنى ئۇلانمغا قىلىڭ. بېكەت تۇغى: