ئۆز مۇخبىرىمىز زۇلخۇمارقۇربان خەۋەر قىلىدۇ:
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بۈگۈن (12.29) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئون خىل ھاۋارايى ھادىسىسىنى ئېلان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپراتۇرا يىللاردىكىدىن بىر قەدەر يۇقىرى بولغان؛ يىللىق ھۆل- يىغىن مىقدارى، شىمالىي شىنجاڭ ۋە تەڭرىتاغ تاغلىق رايونىدا يىللاردىكى بىلەن ئوخشاش، جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر قەدەر ئاز بولغان؛ بۇ يىل ئىچىدە كەڭ دائىرىلىك، ئاپەت خاراكتىرلىك ھاۋارايى ھادىسىسى بىر قەدەر ئاز كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما قىسمەن رايونلاردا كۈچلۈك كونۋېكسىيە ھادىسىسى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلۈپ، ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر بولغان؛ بۇ يىل ئىچىدە: مۆلدۈر، قارا يامغۇر، يىغىندا قار ئېرىشتىن كېلىپ چىققان كەلكۈن، ئۈششۈك ئاپىتى، بوران، قار ئاپىتى، قۇم بوران، يۇقىرى تېمپراتۇرا، چاقماق چېقىش قاتارلىق ھاۋارايى ھادىسىلىرى كۆرۈلۈپ، جايلارنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قاتناش ئىشلىرىغا ھەمدە ئاھالىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان ئېلىپ كەلگەن. ئەمما ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى، توغرىلىق دەرىجىسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە، ئاپەت خاراكتىرلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتقا ئاساسەن، جايلارنىڭ ئالدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىشلىرى ۋاقتىدا ئىشلىنىپ، كۆرىنەرلىك دەرىجىدە زىياننىڭ ئالدى ئېلىنغان.
|