ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىلىم بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى http://www.kulgin.com تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى. بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.
بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.

خەت نومۇرى:چوڭ | ئوتتۇرھال | كىچىك

ئۈرۈمچى شەھىرىدە «سېرىق، يېشىل رەڭدىكى مۇھىت ئاسراش بەلگىلىرى» نى تارقىتىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.



كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «مۇھىت ئاسراش بەلگىسى» بولمىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىنى چەكلەش، «سېرىق بەلگە» چاپلانغان ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە چەك قويۇشتەك باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «سېرىق، يېشىل رەڭدىكى مۇھىت ئاسراش بەلگىلىرى» نى تارقىتىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

بۈگۈن (12.29) ئەتىگەندە، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇھىت بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش نوقتىسىغا بارغاندا، چوڭ زالدىكى ھەر بىر كۆزنەكنىڭ ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرغان ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ 10 غا يەتمەيدىغانلىقىنى كۆردى. خىزمەتچى خادىم ياڭ يۈفەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى تۇنجى قېتىم تارقىتىش خىزمىتى پات ئارىدا ئاخىرلىشىدۇ، يېڭى ئاپتوموبىللار ئىنتايىن كۆپ، كونا ئاپتوموبىللارنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، ئاندىن بەلگە تارقىتىپ بېرىمىز، يېڭى ئاپتوموبىللارنى  ئۆلچەش ھاجەتسىز، بىۋاستە ئالالايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيۇ جىڭسۇڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى تەخمىنەن 420 مىڭغا يەتتى. بەلگىلىمە بويىچە، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللار، موتوسىكلىت، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك چۈشۈرۈش ئاپتوموبىللىرىغا ۋاقتىنچە مۇھىت ئاسراش بەلگىسى ئىلتىماس قىلىنمايدۇ، مۇھىت ئاسراش بەلگىسى ئېلىشقا تېگىشلىك ئاپتوموبىللار تەخمىنەن 350 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، نۆۋەتتە 40 مىڭدىن كۆپرەك ئاپتوموبىل ئىگىسى تېخى مۇھىت ئاسراش بەلگىسى ئالمىدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يۈك ترانسپورت ئاپتوموبىللىرى بولۇپ، «سېرىق بەلگە» بېرىلىدىغان ئاپتوموبىل دائىرىسىگە كىرىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە 314 مىڭ 819 پارچە مۇھىت ئاسراش بەلگىسى تارقاتتۇق، ئۇنىڭ ئىچىدە يېشىل بەلگە 292 مىڭ 262 پارچە، سېرىق بەلگە 22 مىڭ 567 پارچە، كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى يەنە تارقىتىمىز، 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، قاتناش ساقچىلىرى يولدا تەكشۈرىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە مۇھىت ئاسراش بەلگىسى بولمىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى چەكلىنىدۇ. شۇڭا، مۇھىت ئاسراش بەلگىسى ئىلتىماس قىلمىغان ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ تېزدىن مۇھىت ئاسراش بەلگىسى ئېلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


يوللىغۇچى: كۈلگىن تورى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-30

مەنبە: www.kulgin.com

(ماقالە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ. ئۇلارمۇ خەۋەردار بولسۇن)

ئالدىنقى خەۋەر: ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئون خىل ھاۋارايى ھادىسىسى
كىيىنكى خەۋەر: مەزمۇن يوق!
  • جاھان ئەينىكى
  • سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • «ش ئو ئا ر نىڭ ‹12- بەش يىللىق› پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىيات پىلانى» يولغا قويۇلدى
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ئىراننىڭ ھەربىي مانۋېر رايونىدا پەيدا بولدى
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە «سېرىق، يېشىل رەڭدىكى مۇھىت ئاسراش بەلگىلىرى» نى تارقىتىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئون خىل ھاۋارايى ھادىسىسى
  • مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • فىلىپپىندىكى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
  • تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش
  • گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر تۈرمىسىدە قاماقتىكى ئادەم ئۆلۈپ قالدى
  • رۇسىيە ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى
  • يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى
  • غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى سۇپىسى قاراماي شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى.
  • بېيجىڭ شەھىرى 115 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سىمسىز يەتكۈزۈش ۋە قاپلاش قۇرۇلۇشى پۈتتى
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • بېيتۈن شەھىرىگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى
  • {:Mazmun200:}

    جەمئى6 بەت | نۆۋەتتىكىسى 1– بەت| بىرىنجى بەت| ئالدىنقى بەت| كىيىنكى بەت| ئاخىرقى بەت

    باھالار

    باھا يوللانمىغان!!!

    باھا سۆزى يېزىش

    كۈلگىن ئۇنۋېرسال تورى  皖ICP备11022839号-1    پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: boranqush@126.com
    يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
    تور بېتىمىزنى ئۇلانمغا قىلىڭ. بېكەت تۇغى: