ھورمۇز بوغۇزىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نېفىت توشۇش يولىنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان پەيتتە، ئىرانلىق بىر ئەمەلدار تۈنۆگۈن، ئامېرىكىنىڭ بىر ئاۋىياماتكىسىنىڭ مەزكۇر دېڭىز بوغۇزىدىكى ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مانۋېر رايونىغا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىراننىڭ ھەربىي مانۋېر ئىشلىرى باياناتچىسى مۇساۋى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىغا: «ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانى مانۋېر رايونىدا ئامېرىكىنىڭ بىر ئاۋىياماتكىسىنى بايقىدى» دېدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ «جون سىتېنىس» ناملىق ئاۋىياماتكا ئىكەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى مۇشۇ چارشەنبە كۈنى، مەزكۇر ئاۋىياماتكا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىمنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. تۈنۆگۈنگە قەدەر، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈركىلىشى «تىل ئۇرۇشى» ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەنىدى. تەھلىلچىلەر ۋە نېفىت بازىرىدىكى زاتلار ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە ھەم كىچىككىنە ئوت ئۇچقۇنىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئاشكارا توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
ئىران تەرەپنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مانۋېردا، ئامېرىكىنىڭ بىر ئاۋىياماتكىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۆگۈن دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ھەبىبۇللا سەييارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانى ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ «پېيىگە چۈشۈپ، سۈرەتكە تارتىۋالغان» بولۇپ، شۇ چاغدا بۇ ئاۋىياماتكا پارىس قولتۇقىدىن ئومان قولتۇقىغا كىرمەكچى بولۇۋېتىپتىكەن. بۇ قوماندان يەنە: «ئەگەر چەتئەل فىلوتى مانۋېر رايونىغا كىرسە، ئىران ئارمىيەسى ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ» دېگەن.
ئىران ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە 10 كۈنلۈك ھەربىي مانۋېر ئۆتكۈزمەكتە. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بەھرەيىندە تۇرۇشلۇق 5-فىلوتىمۇ دائىم مۇشۇ رايوندا ھەرىكەت قىلىدۇ. 5-فىلوتنىڭ بىر ئايال باياناتچىسى «جون سىتېنىس» ناملىق ئاۋىياماتكا بىلەن «موبىلې قولتۇقى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا چارلىغۇچى پاراخوتنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، بۇنىڭ «بۇرۇنلا پىلانلانغان ئادەتتىكى ھەرىكەت ئىكەنلىكى»، مەزكۇر ئاۋىياماتكىنىڭ ئەرەب دېڭىزىنىڭ شىمالىدا ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى ھاۋا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى ئىراننى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى جورجى رىتېل: «ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قاتناش تىرانسىپورتىغا دەخلى قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. ھورمۇز بوغۇزى رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي جان تومۇرى» دېدى. ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى مارك تونا، ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن قۇرۇق پوپوزىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىران تۈنۆگۈن ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە چىقارغان ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلماسلىق توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا رەددىيە بەردى. ئىرانلىق بىر گېنىرال: «بىز تەھدىتكە تەھدىت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى. فارىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ھۈسەيىن سالامىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئىستىراتېگىيە بىلەن مۇھىم مەنپەئەتىمىزنى قوغدىيالايدىغانلىقىمىزدىن قىلچە گۇمانلانمايمىز، بىز ئىلگىرىكى ھەر قانداق چاغدىنمۇ بەكرەك كەسكىن بولىمىز» دېيىلدى. ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرى تۈنۆگۈن، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھورمۇز بوغۇزىدا «قانداق قىلىش كېرەك»لىكىنى ئۆگىتىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ھۈسەيىن سالامىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە: «ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىق سالاھىيىتى يوق» دېيىلدى.
|