ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، بىلىم بېرىش، كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى http://www.kulgin.com تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى. بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.
بەلگىلەنگەن مەزمۇن تېپىلمىدى.

خەت نومۇرى:چوڭ | ئوتتۇرھال | كىچىك

دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر



 @ ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بورنېئو ئىشتاتىدا بايقالغان غايەت زور گۆشخور ئۆسۈملۈك «قىزىل يۈرەك ئايال پادىشاھ» يېقىندا، ئەنگىلىيە خان جەمەتى باغۋەنچىلىك جەمئىيىتى تەرىپىدىن رەسمىي يېڭى تۈر قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇ ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئەڭ زور گۆشخور ئۆسۈملۈك بولۇپ، چاشقان، پاقا قاتارلىق كىچىك ھايۋانلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. بۇ خىل ئۆسۈملۈك ئىنتايىن يوغان بولۇپ، بىر تال گۈلىنىڭ كەڭلىكىلا ئىككى يېرىم مېتىر كېلىدىكەن.

 @ سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاياللىرى 2015-يىلى سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئەرلەرنىڭ رۇخسىتىسىز سايلامغا قاتناشسا بولىدىكەن. لېكىن نۆۋەتتە، ئۇلار يەنىلا ئەرلەرنىڭ رۇخسىتىسىز ساياھەتكە چىقسا، خىزمەت ياكى ئۆگىنىش قىلسا، ۋە ياكى توي قىلسا بولمايدىكەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا بىن ئابدۇلئەزىز بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا، دۆلەتنىڭ ھازىرقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاياللارغا سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 2015-يىلىغا كەلگەندە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاياللىرى يەرلىك سايلامنىڭ نامزاتى بولسا بولىدىكەن ھەم بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئېرىشىدىكەن. گەرچە شەھەر مەمۇرىيىتى كومىتېتىنىڭ ھوقۇقى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئاياللارنىڭ ئەزا بولۇشى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ تەدرىجىي ئەركىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى دەپ قارالماقتا.

  پادىشاھ ئابدۇللا قانۇننى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى شارائىتتا سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاياللىرى ساياھەتكە چىقماقچى، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە قاتناشماقچى، توي قىلماقچى، ئاجراشماقچى، ھەتتا ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا داۋالانماقچى بولسىمۇ، ئاۋۋال ئەرلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. رادىكال مۇتەئەسسىپلەر ئابدۇللانى ھازىرقى دىنىي قانۇننى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

 @ لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولدى. ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋېس مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى، بۇ ئىشنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، نېمىلا دېگەنبىلەن، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكىغا قارشى سەپتە تۇرغان رەھبەرلەرگە كۆپ قېتىم قەست قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئىشلارغا تولىمۇ ماھىر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا بىلەن ئارىلىق ساقلاۋاتقان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سولقانات رەھبەرلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئامېرىكىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  چاۋېس بىلەن كىرىستىنادىن سىرت، يېقىندا راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى رەھبەرلەردىن پاراگۋاي زۇڭتۇڭى لۇگو، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف ۋە بىرازىلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لۇلا قاتارلىقلار بار.

  چاۋېس شۇ كۈنى ئارمىيەگە نۇتۇق سۆزلىگەندە، «باشقىلارنى ئورۇنسىز ئەيىبلەش»نى خالىمايدىغانلىقى، لېكىن بەزى «غەلىتە ئىشلار» تۈپەيلىدىن گۇمان قىلماي تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا ئادەمنى راك كېسەللىكىگە گىرىپتار قىلىدىغان مەلۇم يېڭى تېخنىكىغا ئېرىشكەن بولسا، باشقىلار خەۋەرسىز قالدۇقمۇ-قانداق؟» دېگەن.

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار قارشى تەرەپ ئەھۋالنى بىلمىگەن ياكى رۇخسەت قىلمىغان ئەھۋالدا، گىۋاتىمالادىكى نەچچە يۈز مەھبۇس ۋە روھىي كېسەللىك بىمارلىرىنى سۆزنەك ۋە سىفىلىس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرغان. گىۋاتىمالا زۇڭتۇڭى بۇنى «ئىنسانىيلىققا خىلاپ جىنايەت» دەپ ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا، مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا گىۋاتىمالادىن رەسمىي كەچۈرۈم سورىغانىدى.

 @ رۇسىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر قىسىم رۇسىيەلىك كاتتا بايلار ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى بېرلۇسكونىنىڭ فىرانسىيەنىڭ كاننېس ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان «لامپارا» ناملىق داچىسىنى سېتىۋالماقچى ئىكەن.

  «لامپارا» ئانچە چوڭ ھېسابلانمايدىغان داچا بولۇپ، ئۆينىڭ كۆلىمى 500 كىۋادىرات مېتىر، سۇ ئۈزۈش كۆلى ۋە گۈللۈكنى قوشقاندا تەخمىنەن 2 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كېلىدىكەن. لېكىن بۇ داچىنىڭ ئورنى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق كاننېس كىرويسېتتې چوڭ كوچىسىدىن نەچچە قەدەملا يىراقلىقتا ئىكەن، شۇڭا بۇ داچىنى 20 مىليون ياۋروغا سېتىۋالىدىغان خېرىدار تېپىش ئانچە قىيىنغا توختىمايدىكەن.

 


يوللىغۇچى: كۈلگىن تورى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-30

مەنبە: www.kulgin.com

(ماقالە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ. ئۇلارمۇ خەۋەردار بولسۇن)

ئالدىنقى خەۋەر: ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ئىراننىڭ ھەربىي مانۋېر رايونىدا پەيدا بولدى
كىيىنكى خەۋەر: مەزمۇن يوق!
  • جاھان ئەينىكى
  • سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • «ش ئو ئا ر نىڭ ‹12- بەش يىللىق› پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىيات پىلانى» يولغا قويۇلدى
  • ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ئىراننىڭ ھەربىي مانۋېر رايونىدا پەيدا بولدى
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە «سېرىق، يېشىل رەڭدىكى مۇھىت ئاسراش بەلگىلىرى» نى تارقىتىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئون خىل ھاۋارايى ھادىسىسى
  • مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
  • دۇنيادىكى ئاجايىپ- غارايىب ئىشلار، قىزىقارلىق خەۋەرلەر
  • بىر گۇرۇپپا مەملىكەت خەۋەرلىرى
  • فىلىپپىندىكى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
  • تاۋار ماركىسى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش
  • گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر تۈرمىسىدە قاماقتىكى ئادەم ئۆلۈپ قالدى
  • يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى
  • رۇسىيە ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى
  • غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى سىمسىز تور مۇلازىمىتى شەھىرى سۇپىسى قاراماي شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى.
  • بىر گۇرۇپپا خەلقئارا خەۋەرلەر
  • بېيتۈن شەھىرىگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى
  • بېيجىڭ شەھىرى 115 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سىمسىز يەتكۈزۈش ۋە قاپلاش قۇرۇلۇشى پۈتتى
  • {:Mazmun200:}

    جەمئى6 بەت | نۆۋەتتىكىسى 1– بەت| بىرىنجى بەت| ئالدىنقى بەت| كىيىنكى بەت| ئاخىرقى بەت

    باھالار

    باھا يوللانمىغان!!!

    باھا سۆزى يېزىش

    كۈلگىن ئۇنۋېرسال تورى  皖ICP备11022839号-1    پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: boranqush@126.com
    يېڭىلىقلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ! ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
    تور بېتىمىزنى ئۇلانمغا قىلىڭ. بېكەت تۇغى: